باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدا پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلدى

2017.05.03 15:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئۈرۈمچىدە شىركەت قۇرغىڭىز بارمۇ؟ شىركەت ئىسمىنى ئالدىن تەكشۈرۈشتە، كەسىپ زالىغا بېرىپ ئۆچرەتتە تۇرۇشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق، توردا ئۆزىڭىز تەكشۈرۈپ ئىلتىماس قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ؛ رويخەتكە ئالدۇرۇش شەرتىگە ئۇيغۇن كەلسە، ئۈچ كۈندىلا «بەش كىنىشكا بىرلەشتۈرۈلگەن» كىنىشكىنى قولىڭىزغا ئالالايسىز.

  يېقىندا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش سىستېمىسى ۋە بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى ئون تۈرلۈك خەلققە قۇلايلىق يارىتىش تەدبىرلىرىنى ئېلان قىلدى. بۇ خەلققە قۇلايلىق يارىتىش تەدبىرلىرىنىڭ يېرىمى كارخانىلارنىڭ نامىنى تىزىمغا ئالدۇرۇش، ئادرېسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش، كىنىشكا، گۇۋاھنامە بېجىرىش قاتارلىق ئىشلارغا چېتىلىدۇ. ئامما مەركەزلىك ئىنكاس قىلىنغان ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش مەسىلىسىگە نىسبەتەن، يۇقىرى ئۈنۈم بىلەن ھەل قىلىش ئۇسۇلى يولغا قويۇلۇپ، ئاممىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى.

  ئاپتونوم رايونىمىزدا «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش-تەربىيە پائالىيىتىدە «سۆزنى ئۆگىنىش، ئىستىلنى ياخشىلاش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش» مەخسۇس پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ھەرقايسى تارماقلار، ئورۇنلار پائال ھەرىكەتكە كېلىپ، «سۆزنى ئۆگىنىش، ئىستىلنى ياخشىلاش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش» مەخسۇس پائالىيىتىنى تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەتراپلىق ئىگىلەپ، ئۆزىنىڭ ئەمەلىيىتى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، قاراتمىلىقى بولغان ھالدا مەخسۇس پائالىيەتنى كونكرېت رېئاللىق، كونكرېت لايىھە، كونكرېت تەدبىرگە ئايلاندۇرۇپ، مەخسۇس پائالىيەتنى دەل جايىغا ئىشلىتىش، چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇشقا كاپالەتلىك قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر