باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى ئاساسىي قاتلاملارغا بېرىپ خىزمەت قىلىشقا يەنىمۇ يېتەكلىدى ۋە رىغبەتلەندۈردى

2017.05.03 15:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 2-ماي مائارىپ مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، مائارىپ مىنىستىرلىقى يېقىندا ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ، جايلار ۋە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى ئاساسىي قاتلاملارغا بېرىپ خىزمەت قىلىشقا پائال يېتەكلەشنى مۇھىم كۈنتەرتىپكە كىرگۈزۈپ، «1-قول رەھبەر قۇرۇلۇشى» نى يولغا قويۇپ، ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىللە ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى ئاساسىي قاتلاملارغا بېرىپ ئىشلەپ ئىگىلىك تىكلەشكە رىغبەتلەندۈرۈشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىستۇدېنتلارنى تۆۋەنگە چۈشەلەيدىغان، ئېلىپ قالالايدىغان، ياخشى ئىشلەيدىغان، يۆتكىيەلەيدىغان قىلىپ، ئۇلارنى دۆلەت ئەڭ ئېھتىياجلىق بولغان جايلارغا بېرىپ ئىشلەپ تۆھپە يارىتىپ، ئىگىلىك تىكلەپ، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇشقا يېتەكلىشىنى تەلەپ قىلدى.

  «ئۇقتۇرۇش» تا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: جايلار ۋە ئالىي مەكتەپلەر ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى ئاساسىي قاتلاملارغا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ ئوقۇش راسخوتىنى تولۇقلاش ۋە ئوقۇشقا ياردەم بېرىش قەرزىنى قايتۇرۇش، ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىغا نومۇر قوشۇپ بېرىش قاتارلىق سىياسەتلەرنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. شۇ جاي ۋە شۇ مەكتەپنىڭ شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، رىغبەتلەندۈرۈش ياكى مۇكاپاتلاش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، تەشۋىق قىلىپ تەربىيەلەش، ئىلغارلارنى تەقدىرلەش، مەبلەغ چىقىرىپ مۇكاپاتلاش، ئىختىساس ئىگىلىرىدىن بولۇش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى ئاساسىي قاتلاملارغا بېرىپ خىزمەت قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. ئىستۇدېنتلار ئاساسىي قاتلاملارغا بېرىپ پىراكتىكا قىلىش، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش تۈزۈمى ئورنىتىپ، ئىستۇدېنتلارنى يېزا، بازار، كوچا، مەھەللە، يېزا ۋە ئىشلەپچىقىرىشنىڭ 1-سېپىگە بېرىپ پىراكتىكا قىلىش، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشكە تەشكىللەش كېرەك. ئورگانلار، كەسپىي ئورۇنلارغا نىشانلىق ئىمتىھان ئېلىپ قوبۇل قىلىش، ئاساسىي قاتلامدا ئۇنۋان باھالاش، ئىش ھەققىنى يۇقىرى بېكىتىش، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تولۇقلىمىسى قاتارلىق كاپالەتلەندۈرۈش سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر