باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«بىر بەلباغ، بىر يول» ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئۈچ يىلدىن بۇيان 130دىن ئارتۇق ئىككى تەرەپ ۋە رايونلار تىرانسپورت كېلىشىمى ئىمزالاندى

2017.05.08 14:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: قاتناش-تىرانسپورت مىنىستىرلىقى يېقىندا ئېلان قىلغان ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئۈچ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، دۆلىتىمىز «بىر بەلباغ، بىر يول»دىكى دۆلەتلەر بىلەن « شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ئارا خەلقئارا يول تىرانسپورتىنى قولايلاشتۇرۇش كېلىشىمى»، «جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى دېڭىز تىرانسپورتى كېلىشىمى» قاتارلىق 130دىن ئارتۇق ئىككى تەرەپ ۋە رايونلار تىرانسپورت كېلىشىمى ئىمزالاپ، تۆمۈر يول، تاشيول، دېڭىز تىرانسپورتى، ئاۋىياتسىيە ۋە پوچتا قاتارلىق كۆپ تەرەپلەرگە چېتىلىپ، تۈرلۈك قۇرۇلۇشلاردا پائال نەتىجىگە ئېرىشكەن.

  ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، جۇڭگو 73 تاشيول ۋە سۇ يولى پورتى ئارقىلىق، ئالاقىدار دۆلەتلەر بىلەن خەلقئارا يولۇچى-يۈك تىرانسپورت لىنىيەسىدىن 356نى ئاچقان؛ دېڭىز تىرانسپورت مۇلازىمىتى «بىر بەلباغ، بىر يول»دىكى بارلىق دۆلەتلەرنى قاپلىغان؛ «بىر بەلباغ، بىر يول»دىكى 43 دۆلەت بىلەن ھاۋادا بىۋاسىتە قاتناشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەپتىدە 4200 نۆۋەتچى ئايروپىلان قاتنىغان؛ خەلقئارا تۆمۈر يول بىرلەشمە تىرانسپورت بېجىرىش رەسمىيىتىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، جۇڭگو-ياۋروپا ئارا خەلقئارا تۆمۈر يول مال تىرانسپورتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقئارا تۆمۈر يول پوچتا تىرانسپورت ھەمكارلىقىنى يولغا قويغان.

  ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 2013-يىلى 10-ئايدىن 2016-يىلى 6-ئايغىچە، جۇڭگو دۆلەت كارخانىلىرى ياساشنى ئۈستىگە ئالغان ئۈلگىلىك رولغا ئىگە چوڭ تىپتىكى قاتناش ئۇل ئەسلىھە تۈرى 38گە يېتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»دىكى 26 دۆلەتكە چېتىلغان. دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئۇنىۋېرسال تىرانسپورت تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى ليەنچېڭ مۇنداق دېدى: بۇ تۈرلەرنىڭ يولغا قويۇلۇشى ۋە قولغا كەلتۈرگەن مۇھىم نەتىجىلەر «بىر بەلباغ، بىر يول»دىكى دۆلەتلەر ئارا سودا ۋە ئادىمىيەت ئالاقىسىنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق، رايونلارنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر