باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئەسكەر قوبۇل قىلىش خىزمىتىنىڭ تىزىمغا ئالدۇرۇش ئىشى باشلاندى

8- ئاينىڭ 5- كۈنى ئاخىرلىشىدۇ

2017.05.09 14:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەسكەر قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى ئېلان چىقىرىپ، بۇ مەركىزىي شەھەردىكى يېشىغا يەتكەن قىز-يىگىتلەرنىڭ بەس-بەستە ھەربىي سەپكە كىرىشىگە چاقىرىق قىلدى، يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە ۋە يۇقىرى ساپالىقلاردىن ھەربىي سەپكە كىرىدىغان ياشلارنى بىر قاتار ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرى بىلەن تەمىنلەيدىكەن. بۈگۈندىن باشلاپ، مەملىكەت بويىچە ئەسكەر ئېلىش تورىغا چىقىپ تىزىمغا ئالدۇرسا بولىدىكەن. تىزىمغا ئالدۇرۇش ۋاقتى 8- ئاينىڭ 5- كۈنى ئاخىرلىشىدىكەن.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەسكەر قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، 2017- يىلى 12- ئاينىڭ 31- كۈنىدىن بۇرۇن 18 ياشقا توشىدىغان بارلىق پۇقرالار، 2017- يىلى 6- ئاينىڭ 30- كۈنىدىن بۇرۇن ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەشكە تىزىملىتىشى كېرەك ئىكەن، پۈتۈن شەھەردىكى ھەر قايسى باشقۇرۇش كومىتېتى (مەھەللە، يېزا، بازار قاتارلىقلار)، ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەر ۋە ئوتتۇرا تىپتىكى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ھەممىسىدە ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەشكە تىزىملاش پونكىتى تەسىس قىلىنىپ، بۇ تۈر خىزمەتنى قانات يايدۇرىدىكەن.

  ھەربىي خىزمەت ئۆتەشكە تىزىملاش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ياشلار چوقۇم 6- ئاينىڭ 30- كۈنىدىن بۇرۇن «مەملىكەت بويىچە ئەسكەر ئېلىش تورى» (http://gfbzb.gov.cn)غا چىقىپ ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەشكە تىزىملاتسا بولىدۇ، ھەمدە 8- ئاينىڭ 5- كۈنىدىن بۇرۇن نوپۇس دەپتىرى، كىملىك ۋە ئوقۇش پۈتتۈرۈش گۇۋاھنامىسى قاتارلىقلارنى ئېلىپ، ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەشكە تىزىملاش پونكىتىغا بېرىپ تىزىملىتىپ بېكىتىشكە بولىدۇ، ئۆزى نەق مەيدانغا بېرىپ تىزىملاتقۇزالمىغانلار، تۇغقانلىرى ياكى تۇرۇشلۇق ئورۇنلار ۋاكالىتەن تىزىملاتسا بولىدۇ. مۇددەت توشۇپمۇ ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەشكە تىزىملاتمىغانلار، ھەربىي مەجبۇرىيەت ئورگىنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ۋە مائارىپ قاتارلىق تارماقلار بىلەن بىرلىشىپ مەركەزلىك تىزىملىتىشنى ئېلىپ بارىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر