باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

1-پەسىلدە دۆلىتمىزنىڭ خەلقئارا كىرىم- چىقىمى تەڭپۇڭلاشتى

2017.05.09 15:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. دۆلەت تاشقى پېرېۋوت ئىدارىسى 8- ماي ئېلان قىلغان 2017- يىللىق 1- پەسىلدىكى خەلقئارا كىرىم-چىقىمى تەڭپۇڭلىشىش جەدۋىلىدىكى دەسلەپكى سانلىق مەلۇماتقا قارىغاندا، 1- پەسىلدە دائىملىق ئىسچوت ئوڭ بالانىس 19 مىليارد دوللارغا يىتىپ، GDP ئىگىلىگەن نىسبىتى %0.7 بولۇپ، داۋاملىق مۇۋاپىق ئارىلىقنى ساقلاپ كەلگەن. بۇنىڭ ئىچىدە خەلقئارا كىرىم- چىقىم ئۆلچىمى بويىچە مال سودىسى ئوڭ بالانىس 81 مىليارد 700 مىليون دوللار بولۇپ، تاشقى- ئىچكى ئېھتىياجنىڭ ياخشىلىنىشى ئېلىپ كەلگەن تاشقى سودا ئىشلىرىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ياخشى تەرەپكە يۈزلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى؛ مۇلازىمەت سودىسى تەتۈر بالانس 60 مىليارد 100 مىليون دوللار بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11 ئاشقان، ئاساسلىق ئېكىسپورتنىڭ ئېىشىشى تىرانسىپورتقا تۈرتكە بولۇشى بىلەن تەتۈر بالانس %34 كېڭەيگەن، شۇنىڭ بىلەن بىللە ساياھەت تەتۈر بالانس ئېشىش سۈرئىتى ئالدىنقى پەسىلىدىكى %5 ئازايغان؛ تۇنجى قېتىملىق كىرىم ئوڭ بالانس 100 مىليون دوللارغا بولۇپ، ئالدىنقى يىلدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكى تەتۈر بالانس 4 مىليارد 100 مىليون دوللارغا يەتكەن، ئاساسلىق سېلىنما كىرىمى سەل پەل ئاشقان.

  سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، زاپاس خاراكتېرى بولمىغان پۇل مۇئامىلە ئىسچوتى تەتۈر بالانىس(ساپ خاتالىق ۋە چۈشۈرۈپ قويۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)زور دەرىجىدە تىزگىنلىنىپ، بازار سوبيېكتى تاشقى سېلىنمىسىدا تېخىمۇ ئاقىلانىلىككە يۈزلەندى، چەت ئەلنىڭ جۇڭگوغا بىۋاستە سېلىنمىسى 32 مىليارد 400 مىليون بولۇپ، بىر قەدەر يۇقىرى سەۋىيەنى ساقلاپ كەلدى. شۇنىڭ بىلنە بىللە خەلقئارا كىرىم-چىقىم سودىسى زاپاس مۈلۈكنىڭ 2 مىليارد 600 مىليون دوللار ئازايتىپ، ئوخشاش مەزگىل ۋە سېلىشتۇرما مەزگىلدىكىدىن %98 ئازىيىپ تۆۋەنلىشى كۆرۈنەرلىك تىزگىنلەندى.

  دۆلەت تاشقى پېرېۋوت ئىدارىسىنىڭ باياناتچىسى مۇنداق دەپ قارىدى: ئومۇميۈزلۈك قارىغاندا، 1- پەسىلدە دۆلىتىمىزنىڭ خەلقئارا كىرىم-چىقىمى ئاساسەن تەڭپۇڭلاشتى، بۇ قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشى، ئىقتىسادىي ئېشىشتىكى مۇقىملىقنىڭ كۈچىيىشى بىلەن جۇڭگو خەلقئارا كىرىم- چىقىمىنىڭ ياخشى ئىقتىسادىي نىگىزلىك ئاساسىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر