باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېچىلغان گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنىدا تەبىئىي ئاپەتكە ئۇچرىغانلارنىڭ تۇرمۇش تولۇقلىمىسىنى ئۆستۈرۈش قارار قىلىندى

2017.05.04 14:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 3-ماي گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، مەركەز مالىيەسىنىڭ تەبىئىي ئاپەت زىيىنى تۇرمۇش تولۇقلىمىسى ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈش، خەلقنىڭ ئاپەت سەۋەبىدىن بۇزۇلۇپ كەتكەن ئۆيلىرىنى قايتىدىن قۇرۇشنى تېزلىتىشنى قارار قىلدى. جەمئىيەت كۈچلىرىنىڭ دوختۇرخانا قۇرۇشىنى قوللاش ۋە ساغلام ساياھەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تەدبىرلىرى ئارقىلىق، ئاممىنىڭ كۆپ خىللاشقان كۆپ قاتلاملىق ساغلاملىق ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى بېكىتتى، ئوتتۇرا چوڭ تىپتىكى سودا بانكىلىرىدا ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق پۇل-مۇئامىلە ئىشلىرى بۆلۈمى تەسىس قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، مىكرو كارخانىلار ۋە «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» قاتارلىقلارنىڭ مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇردى.

  يىغىندا مۇنۇلار قارار قىلىندى: مەركەز، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكەنلىكنىڭ كونكرېت ئىپادىسى، ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. مەركەز مالىيەسىنىڭ تۈرلۈك تەبىئىي ئاپەتكە جىددىي تاقابىل تۇرۇش-قۇتقۇزۇش تولۇقلىمىسىدا بىر تۇتاش ئۆلچەم يولغا قويۇلىدۇ ھەمدە تولۇقلىما بېرىش سەۋىيەسى زور كۆلەمدە ئۆستۈرۈلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، پەۋقۇلئاددە زور تەبىئىي ئاپەت سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىگە بېرىلىدىغان نەپىقە پۇلى، ۋاقىتلىق تۇرمۇش تولۇقلىمىسى ۋە ئۆرۈلۈپ چۈشكەن ئۆيلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش تولۇقلىما ئۆلچىمى زور كۆلەمدە ئۆستۈرۈلىدۇ. مەركەزنىڭ تولۇقلىما مەبلىغىنى جايلار ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن بىر تۇتاش ئىشلىتىدۇ. بۇلتۇر مەملىكەت بويىچە ئاپەتنىڭ زىيىنىغا ئۇچراپ قايتا ئۆي سېلىشقا تېگىشلىك 157 مىڭ ئائىلە ۋە ئۆيىنى رېمونت قىلىشقا تېگىشلىك 487 مىڭ ئائىلىنى كۆزدە تۇتۇپ، يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئاپەتكە ئۇچرىغان رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ۋە ئالاقىدار تارماقلار نۇرغۇن خىزمەت ئىشلىدى، ھازىر زىيانغا ئۇچرىغان قىسمەن پۇقرالارنىڭ ئۆيلىرىنى قايتا سېلىش ياكى رېمونت قىلىش ئاساسىدا، سالماقنى داۋاملىق ئاشۇرۇپ، مەبلەغنى ياخشى ئىشلىتىپ، سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلىپ، بۇ يىلنىڭ ئىچىدە بۇلتۇر ئاپەتكە ئۇچراپ ۋاقىتلىق تۇرالغۇغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئاممىنىڭ تۇرالغۇ مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، بۇنىڭ ئىچىدە كەلكۈن ئاپىتىگە ئۇچراپ زىيانغا ئۇچرىغان پۇقرالارنىڭ ئۆيلىرىنى 9-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە قايتا سېلىپ پۈتكۈزۈپ بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئاممىنىڭ تېزدىن ۋاقىتلىق تۇرالغۇدىن كۆچۈپ چىقىپ، يېڭى تۇرمۇشىنى باشلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر