باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئوتتۇرا دېڭىزدا يۈز بەرگەن ئىككى قېتىملىق كېمە چۆكۈپ كېتىش ھادىسىسىدە 245 نەپەر مۇساپىر يوقاپ كەتكەن ۋە قازا قىلغان

2017.05.09 14:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسىنىڭ 8- چېسلا دەلىللىشىچە، يېقىندا ئوتتۇرا دېڭىزدا يۈز بەرگەن ئىككى قېتىملىق پاراخوت چۆكۈپ كېتىش ۋەقەسىدە، ئۇ پاراخوتلارغا 302 نەپەر مۇساپىر ئولتۇرغان بولۇپ، ئۇ ۋەقەدە پەقەت 57 ئادەم قۇتقۇزۇۋېلىنغان، باشقا 245 ئادەم يوقاپ كەتكەن ياكى قازا قىلغان.

  مۇساپىرلار مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى سەسىېلا پۇي مۇنداق دېدى: 5- ماي كەچتە، 132 نەپەر مۇساپىر ئولتۇرغان پاراخوت ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ خەلقئارا دېڭىز تەۋەلىكىدە چۆكۈپ كەتكەن. قۇتقۇزۇۋېلىنغان ۋە ئىتالىيەنىڭ سىتسىلىيە ئارىلىغا ئېلىپ بېرىلغان 50 ئادەمنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئاياللار ۋە بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان باشقا 82 نەپەر مۇساپىر بەلكىم ئاللىقاچان قازا قىلغان بولسا كېرەك؛ 7- ماي، 170 نەپەر مۇساپىر ئولتۇرغان پاراخوت لىۋىيەگە يېقىن دېڭىز تەۋەلىكىدە چۆكۈپ كەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە 163 ئادەم تۇنجۇقۇپ ئۆلگەن ياكى يوقاپ كەتكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر