باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ماكرون فىرانسىيەنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلاندى

2017.05.08 14:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: فىرانسىيەنىڭ نۇرغۇنلىغان ئەل رايىنى تەكشۈرۈش ئاپپاراتلىرىنىڭ 7-ماي ئېلان قىلغان ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، فىرانسىيەنىڭ سابىق ئىقتىساد مىنىستىرى، «ئالغا» ھەرىكىتى نامزاتى ماننۇئېل ماكروننىڭ 7-ماي 2017-يىللىق فىرانسىيە زۇڭتۇڭ سايلىمى 2-نۆۋەتلىك بىلەت تاشلاش باسقۇچىدا ئېرىشكەن بېلىتى %65تىن ئېشىپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك فىرانسىيە زۇڭتۇڭى بولۇپ سايلانغان. بۇ يىل ئەمدىلا 39 ياشقا كىرگەن ماكرون فىرانسىيە بەشىنچى جۇمھۇرىيىتىنىڭ 60 يىلغا يېقىن تارىخىدىكى ئەڭ ياش زۇڭتۇڭكەن.

  كۆپلىگەن ئەل رايىنى تەكشۈرۈش ئاپپاراتلىرى ئېلان قىلغان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دەسلەپكى ئىستاتىستىكا نەتىجىسى ۋە بىلەت تاشلاش پونكىتىنىڭ ئارىلاپ تەكشۈرۈش ئىستاتىستىكا نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ماكرون %65تىن ئارتۇق بېلەتكە ئېرىشكەن، ئۇنىڭ رىقابەتچىسى، فىرانسىيە ئوڭچىل پارتىيە «مىللىي فىرونت» نامزاتى مارىنا لېپېن %35 بېلەتكە ئېرىشكەن.

  ماكرون شۇ كۈنى كەچتىكى ئاشكارا تېلېۋىزىيە نۇتۇقىدا مۇنداق دېدى: ئۇزاق تارىختىكى يېڭى بىر بەت بۈگۈن كەچتىن باشلىنىدۇ، بۇنىڭ ئارزۇ ۋە قايتا ئىشەنچكە ۋەكىللىك قىلىدىغان يېڭى بىر بەت بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر