- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ھىندىستاندىكى قىزلار مەكتىپى ئەتراپىدا خىمىيەلىك گاز چىقىپ كېتىش سەۋەبىدىن 200 ئوقۇغۇچى دوختۇرخانىغا كىرىپ قالدى
2017.05.08 16:38 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ھىندىستان ساقچى تەرەپنىڭ ئېيتىشىچە، 6-ماي، پايتەخت يېڭى دېھلىدىكى بىر قىزلار مەكتىپى ئەتراپىدا خىمىيەلىك گاز چىقىپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، بۇ مەكتەپتىكى 200 ئوقۇغۇچىنىڭ كۆزى ياكى گېلى بىئارام بولۇپ، دوختۇرخانىغا كىرىپ قالغان.
يېڭى دېھلىدىكى ئالاقىدار بىر ساقچى ئەمەلدارى رومىل بائانىيانىڭ دېيىشىچە، ۋەقە مەكتەپ ئەتراپىدىكى بىر ئىسكىلاتتا يۈز بەرگەن ئىكەن، سانائەتكە ئىشلىتىدىلىدىغان خىمىيەلىك بۇيۇم قاچىلانغان باكتىن گاز قېچىش ئەھۋالى يۈز بېرىپ، يېقىن ئەتراپتىكى مەكتەپتە دەرس ئاڭلاۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆزى ياكى گېلىنىڭ ئاغرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
رومىل بائانىيا مۇنداق دېدى: «تەخمىنەن 200دەك ئوقۇغۇچى تۆت دوختۇرخانىغا داۋالىنىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ھەممىسىنىڭ ئەھۋالى ياخشى، باشقىچە ئېغىر ئەھۋال كۆرۈلمىدى». ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئەترىتى دەرھال مەكتەپ بىناسىنى ئەتراپلىق تەكشۈرگەن. نۆۋەتتە، ساقچى تەرەپ بىخەستەلىك جىنايىتى بىلەن ئىسكىلات باشقۇرغۇچىغا قانۇنىي تەدبىر قوللانغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر