باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى جەنۇبىي سۇدانغا ئالاھىدە ئەۋەتىلگەن ئۆمەكنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى ئەيىبلىدى

2017.05.08 14:22         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى 5-ماي تاراتقۇدا بايانات ئېلان قىلىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جەنۇبىي سۇدانغا ئالاھىدە ئەۋەتىلگەن ئۆمىكىنىڭ يېقىندا ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى كۈچلۈك ئەيىبلىدى، جەنۇبىي سۇداندىكى ھەر قايسى تەرەپلەرنى تۈرلۈك زوراۋانلىق ھەرىكەتلەرنى توختىتىشقا دەۋەت قىلدى.

  ئىگىلىنىشىچە، شۇ يەر ۋاقتى 3-ماي يېرىم كېچىدە، جەنۇبىي سۇدانغا ئالاھىدە ئەۋەتىلگەن ئۆمەكنىڭ لىل بازىرىدىكى لاگېرى يېنىك قورال ھۇجۇمغا ئۇچرىغان، شۇ جايدا تۇرۇشلۇق گانالىق بىر تىنچلىق ساقلىغۇچى ئەسكەر دەرھال قايتۇرما زەربە بېرىپ، ھۇجۇم قىلغۇچىنى چېكىندۈرگەن. ئالاھىدە ئەۋەتىلگەن ئۆمەكتىن ئۆلۈم-يېتىم بولمىغان. ۋەقەنى سادىر قىلغۇچىنىڭ سالاھىيىتى تېخى بېكىتىلمىگەن.

  باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: تىنچلىق ساقلاش قىسىمى ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك خىزمەتچىلىرىگە ھۇجۇم قىلىشقا بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك قاتناشقان ھەر قانداق كىشى جازالاش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلىدۇ. خەۋپسىزلىك كېڭىشى شۇنىڭ بىلەن بىرگە جەنۇبىي سۇداندا داۋاملىشىۋاتقان زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنى ئەيىبلىدى، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ بۇندىن بۇرۇن ھاسىل قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە ئەمەل قىلىپ، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىگە قىلىنىۋاتقان توساقنى بىكار قىلىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر