باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>一带一路

«بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا ياردەم بېرىش

«جۇڭگو ـ پاكىستان بوئەي داۋالاش جىددىي قۇتقۇزۇش مەركىزى» پاكىستاندا قۇرۇلدى

2017.05.08 15:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو قىزىل كىرېست جەمئىيىتى «جۇڭگو ـ پاكىستان بوئەي داۋالاش جىددىي قۇتقۇزۇش مەركىزى» 7- ماي جۇڭگو ـ پاكىستان ئىقتىساد كارىدورىنىڭ ئەڭ جەنۇبىدىكى گۋادال پورتىدا پۈتتى، بۇ، جۇڭگو قىزىل كىرېست جەمئىيىتىنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشتىكى يەنە بىر مۇھىم تەدبىرى ھېسابلىنىدۇ.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، جۇڭگو قىزىل كىرېست جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى چېن جۇ، جۇڭگونىڭ پاكىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سۈن ۋېيدۇڭ، پاكىستاننىڭ پورت سۇ تىرانسپورت بۆلۈمىنىڭ باشلىقى مىر ھاشىر، پاكىستان قىزىل ھىلال ئاي جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى سەئىد ئېللاھى قاتارلىقلار يېڭىدىن پۈتكەن جىددىي قۇتقۇزۇش مەركىزى ئۈچۈن ۋىۋىسكا يوپۇقى ئاچتى، ھەمدە «جۇڭگو قىزىل كىرېست جەمئىيىتى ۋە پاكىستان قىزىل ھىلال ئاي جەمئىيىتىنىڭ ھەمكارلىق ئەسلەتمىسى»گە ئىمزا قويغانلىقىنى بىرلىكتە ئىسپاتلىدى.

  جۇڭگو قىزىل كىرېست جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى قوشۇمچە باش كاتىپى ۋاڭ پىڭ پاكىستان قىزىل ھىلال ئاي جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى غۇلام مۇھەممەد ئاۋان بىلەن ئايرىم-ئايرىم ھالدا پاكىستان قىزىل ھىلال ئاي جەمئىيىتىگە ۋاكالىتەن «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا ياردەم بېرىش ۋە جۇڭگو ـ پاكىستان جىددىي قۇتقۇزۇش كارىدورىنى ئورتاق بەرپا قىلىش ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان ھەمكارلىق ئەسلەتمىسىگە ئىمزا قويدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر