5- ئاينىڭ 8- كۈنى، بىر ساياھەتچى سۈرەتكە ئالغان سايرام كۆلى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: قەدىمكى يىپەك يولىدىكى سايرام كۆلى تەڭرىتاغ تىزمىسىغا جايلاشقان، كۆل يۈزى دېڭىز يۈزىدىن 2073 مېتىر ئېگىز بولۇپ، شىنجاڭ بويىچە دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ ئېگىز، كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان ئېگىزلىكتىكى كۆل ھېسابلىنىدۇ، كۆل سۈيى سۈزۈك بولۇپ، سۈزۈكلۈك دەرىجىسى 12 مېتىرغا يېتىدىكەن .
يېقىندا ياغقان يامغۇر سايرام كۆلى ئاسمىنىنى «پاكىز» يۇيىۋەتكەن بولۇپ، قارلىق تاغلار ، كۆل سۈيى ۋە كۆك ئاسمان بىرلىكتە بىر پارچە ھەيۋەتلىك مەنزىرىلەر كارتىنىسىنى تەشكىل قىلغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى