باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

يۈ جېڭشېڭ ياپونىيە ياپونىيە-جۇڭگو دوست پارلامېنت ئەزالىرى ئىتتىپاقى ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى

2017.05.05 15:36         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ تۈنۈگۈن خەلق سارىيىدا كومۇرا ماساخىكو باشچىلىقىدىكى ياپونىيە ياپونىيە-جۇڭگو دوست پارلامېنت ئەزالىرى ئىتتىپاقى ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى.

  يۈ جېڭشېڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن ياپونىيەنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى نورماللاشقان 45 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت ئىلگىرى-كېيىن تۆت سىياسىي ھۆججەت ھاسىل قىلدى، ئىككى تەرەپنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇشى ۋە ھەمكارلىقى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلدى، بۇ ۋەزىيەت ئاسان قولغا كەلمىدى، ھەسسىلەپ قەدىرلەشكە ئەرزىيدۇ. جۇڭگو «تارىخنى ئەينەك قىلىپ، كەلگۈسىگە نەزەر سېلىش» روھى بويىچە، ئىككى دۆلەتنىڭ تىنچلىق، دوستلۇق، ھەمكارلىق چوڭ يۆنىلىشىنى چىڭ تۇتۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئىزچىل تەشەببۇس قىلىپ كەلدى. ياپونىيە جۇڭگو-ياپونىيە تۆت سىياسىي ھۆججىتى ۋە تۆت نۇقتىلىق پىرىنسىپال ئورتاق تونۇشىغا قاتتىق رىئايە قىلىپ، تارىخ، تەيۋەنگە مۇناسىۋەتلىك زور مەسىلىلەرنى مۇۋاپىق بىرتەرەپ قىلىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ سىياسىي ئاساسىنى قوغدىشى لازىم. ياپونىيە-جۇڭگو دوست پارلامېنت ئەزالىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئەنئەنىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي ساھەسىدىكى ئالماشتۇرۇشقا ئاكتىپ قاتنىشىپ، جۇڭگو-ياپونىيە دوستلۇقىنى نۇرلاندۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ كۈچىيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە داۋاملىق ئىجابىي تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  كومۇرا مۇنداق دېدى: ئۆتكەن يىلى ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى كۆرۈشۈپ ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش ھەققىدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلغاندىن بۇيان، ياپونىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتى ياخشى تەرەققىي قىلدى. ياپونىيە-جۇڭگو دوست پارلامېنت ئەزالىرى ئىتتىپاقى ئېسىل ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر