باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جۇڭگو شىنجاڭ 11-نۆۋەتلىك «سايرام كۆلىنى ۋېلسىپىت بىلەن ئايلىنىش مۇسابىقىسى» 5-ئاينىڭ ئاخىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ

2017.05.08 16:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو شىنجاڭ 11-نۆۋەتلىك «سايرام كۆلىنى ۋېلسىپىت بىلەن ئايلىنىش مۇسابىقىسى» 5-ئاينىڭ ئاخىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ، شۇ چاغدا 150 ماھىر ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 145 كىلومېتىر كېلىدىغان بۇ مۇسابىقىگە قاتنىشىدۇ.

  5-ماي، مۇخبىرنىڭ جۇڭگو شىنجاڭ 11-نۆۋەتلىك «سايرام كۆلىنى ۋېلسىپىت بىلەن ئايلىنىش مۇسابىقىسى» ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، بورتالا ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتى، ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت تەرەققىيات كومىتېتى باش بولۇپ ئۇيۇشتۇرغان، بورتالا ئوبلاستلىق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، بورتالا ئوبلاستلىق مەدەنىيەت-تەنتەربىيە ئىدارىسى، بورتالا ئوبلاستلىق ساياھەت ئىدارىسى، ئارىشاڭ ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى، سايرام كۆلى داڭلىق مەنزىرە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ۋېلسىپىتچىلار جەمئىيىتى ئۈستىگە ئېلىپ ئۆتكۈزگەن جۇڭگو شىنجاڭ 11-نۆۋەتلىك «سايرام كۆلىنى ۋېلسىپىت بىلەن ئايلىنىش مۇسابىقىسى» 2017-يىلى 5-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن 31-كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر