باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «دۆلەتنىڭ <13-بەش يىل> مەزگىلىدىكى مەدەنىيەت تەرەققىياتى ئىسلاھات يىرىك پىلان پىروگراممىسى»نى بېسىپ تارقاتتى

2017.05.08 14:45         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «دۆلەتنىڭ <13-بەش يىل> مەزگىلىدىكى مەدەنىيەت تەرەققىياتى ئىسلاھات يىرىك پىلان پىروگراممىسى»نى بېسىپ تارقاتتى ۋە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جايلار، تارماقلاردىن ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.«دۆلەتنىڭ <13-بەش يىل> مەزگىلىدىكى مەدەنىيەت تەرەققىياتى ئىسلاھات يىرىك پىلان پىروگراممىسى»نىڭ ئاساسىي مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە.

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3-،4-،5-،6-ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەدەنىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئىسلاھاتىنى تېزلىتىپ، سوتسىيالىستىك كۈچلۈك مەدەنىيەت دۆلىتى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن، «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ 13-بەش يىللىق يىرىك پىلانىنى تۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپى» ۋە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 13-بەش يىللىق يىرىك پىلان پىروگراممىسى»غا ئاساسەن، مەزكۇر يىرىك پىلان پىروگراممىسى تۈزۈپ چېقىلدى.

  مەدەنىيەت مىللەتنىڭ جان تومۇرى، خەلقنىڭ مەنىۋى باغچىسى، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ مۇھىم تۈۋرۈكى. «ئىككى قولدا تۇتۇش، ئىككىلا قول قاتتىق بولۇش»تا چىڭ تۇرۇپ، ماددىي مەدەنىيەت ۋە مەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېنى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر