باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

چوڭ ۋە ئوتتۇرا شەھەرلەر بىرلىشىپ خىزمەتكە تەكلىپ قىلىشنىڭ رايون ھالقىغان سەييارە پونكىتلىرى تۇنجى بولۇپ شىنجاڭدا تەسىس قىلىندى

2017.05.09 14:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان قىسمەن چوڭ ۋە ئوتتۇرا شەھەرلەر بىرلىشىپ ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى تەكلىپ قىلىش ئەتىيازلىق پائالىيىتىنىڭ شىنجاڭدىكى نەق مەيداندا تەكلىپ قىلىش 4- نۆۋەتلىك يىغىنى يېقىندا ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىمقى تەكلىپ قىلىش پائالىيىتى بولسا، چوڭ ۋە ئوتتۇرا شەھەرلەر بىرلىشىپ تەكلىپ قىلىش مۇلازىمىتىنىڭ شىنجاڭدا تۇنجى قېتىم رايون ھالقىغان ھالدا سەييارە پونكىتلىرى تەسىس قىلىشى ئىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، نەق مەيداندىكى تەكلىپ قىلىش يىغىنىغا 677 كارخانا كەلگەن بولۇپ، ئۇلار 2771 ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەيدىكەن، ھەمدە 20 مىڭ 403 ئادەم قوبۇل قىلىدىكەن. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 30 نەچچە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارنى تەشكىللەپ تەكلىپ قىلىش يىغىنىغا قاتناشقان بولۇپ، مەيدانغا كېرىپ خىزمەت ئىزدىگۈچىلەر 15 مىڭغا يەتكەن، ھەمدە ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى %80نى ئىگىلىگەن.

  بۇ قېتىمقى تەكلىپ قىلىش يىغىنى يەنە جۇڭگو دۆلەت ئىختىساسلىقلار تورى «ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى توغرا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت سۇپىسى»غا تايىنىپ، تەكلىپ قىلىش مۇلازىمىتى بىلەن ئالاقە تور تېخنىكىسىنىڭ بىرلىشىشىنى ئىلگىرى سۈردى، شىنجاڭدىكى نۇرغۇن ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزۈدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەسپىي ئىقتىدارىنى ھەقسىز باھالاپ بېرىپ، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئۈچۈن ئىش ئورۇنلىرى ۋەزىپىسىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىش ئىقتىدارىنىڭ مودېلىنى ھەقسىز قۇرۇپ بەردى. چوڭ سانلىق مەلۇماتلار ئارقىلىق، ئىش ئورنى ئۇچۇرلىرىنى ئەقلىي ھالدا ماسلاشتۇرۇپ ۋە دەل جايىدا يەتكۈزۈپ بېرىپ، قوبۇل قىلغۇچى ئورۇنلار ۋە خىزمەت ئىزدىگۈچىلەر ئوتتۇرىسىدىكى «دەل جايىدا ماسلاشتۇرۇش»نى، ھەمدە توردا ۋە تور ئاستىدا ئۈنۈملۈك تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر