باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى كوماندىسى 1 دە 0 نەتىجە بىلەن يۈننەن لىجياڭ ئۇچار يولۋاس كوماندىسىنى يەڭدى

2017.05.08 16:57   مەنبە: خەلق تورى

شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى كوماندىسى 1 دە 0 نەتىجە بىلەن يۈننەن لىجياڭ ئۇچار يولۋاس كوماندىسىنى يەڭدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7-ماي، جۇڭگو ئا دەرىجىلىكلەر پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى داۋاملىق ئېلىپ بېرىلدى، شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا ب دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىدىن ئۈزۈپ چىققان يۈننەن لىجياڭ ئۇچار يولۋاس كوماندىسىنى كۈتۈۋالدى. 90 مىنۇتلۇق تىركىشىشتىن كېيىن، شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى كوماندىسى 1دە 0 نەتىجە بىلەن غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى.

  شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى كوماندىسىدىكى چەت ئەللىك ئەزا باباكا پۈتۈن مەيداندىكى ھەل قىلغۇچ توپنى كىرگۈزدى، بۇ ھەم ئۇنىڭ شىنجاڭ كوماندىسىغا قوشۇلغاندىن بۇيانقى ئۇرۇپ كىرگۈزگەن بىرىنچى توپى ھېسابلىنىدۇ.بۇ قېتىملىق ئايلانما مۇسابىقە تۈگىگەندىن كېيىن، شىنجاڭ كوماندىسى ئۈچ مەيدان يېڭىش، بىر مەيدان تەڭلىشىش، تۆت مەيدان ئۇتتۇرۇش بىلەن 10 نومۇر ئېلىپ، نومۇر رەت تەرتىپىدە 10-ئورۇنغا تىزىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·شىنجاڭ سانجى ئىنستىتۇتى 29 نەپەر يۇقىرى قاتلاملىق ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈشنى پىلانلىدى 
    ·ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 2017-يىللىق ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھانى 6-ئاينىڭ 24-كۈنى باشلىنىدۇ
    ·ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى تەييارلىقى ئەڭ ئاخىرقى ھۇجۇم پەللىسىگە كەلدى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ، يەسلىلەر بىخەتەرلىك ئەھۋالىنىڭ مەكتەپلەرنى باھالاش …
    ·ئېلىمىز دۇنيا بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ كەسپىي مائارىپ سىستېمىسى قۇرۇپ چىقتى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى ئاساسىي قاتلاملارغا بېرىپ خىزمەت قىلىشقا يەنىمۇ …
    ·ئۆزبېكىستاننىڭ ئەنئەنىۋى تائامى — پولۇ
    ·يوپۇغا ناھىيەسىنىڭ يەكشەنبە بازار بازىرىدا دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى خاتىرىلەندى
    ·بۇ يىل مائارىپ ساھەسىگە 28 مىليارد 960 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدۇ
    ·ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا چەت ئەل تىلى ياكى خەنزۇ تىلى ئاڭلاش ئىقتىدارى نەتىجىسى ئومۇمىي نەتىجىگە قو…