باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كورېيە 19- نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ سايلىمىغا ئاۋاز بېرىش باشلاندى

2017.05.09 15:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كورېيە 19- نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ سايلىمىغا 9- ماي چۈشتىن بۇرۇن سائەت 6 دىن باشلاپ ئاۋاز بېرىش باشلاندى، كورېيەلىك سايلىغۇچىلار مەملىكەتتىكى 13 مىڭ 964 ئاۋاز بېرىش پونكىتىغا بېرىپ، كىلەر نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭنى سايلايدۇ.

  بۇ قېتىملىق سايلامنىڭ ئاۋاز بېرىش ۋاقتى شۇ جاي ۋاقتى 9- ماي چۈشتىن بۇرۇن سائەت 6 دىن (بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 5)سائەت20(بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 19) گىچە بولۇپ، سايلىغۇچىلار كىملىكنى ئېلىپ تۇرۇشلۇق جايىدىكى بەلگىلەنگەن سايلام رايونىدا ئاۋاز بېرىدۇ.

  بۇ نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ سايلىمىدا 15 نامزات تىزىملاتقان، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئىككەيلەن ئاخىرقى باسقۇچتا سايلامدىن ۋاز كەچكەنلىكىنى جاكارلىغان. زۇڭتۇڭلۇق مەنسىپىنى ئاساسلىق تالىشىۋاتقانلار بەش كىشى بولۇپ، ئۇلار ئورتاق دېمۇكراتلار پارتىيەسى نامزاتى مۇن جائىن، مىللىي پارتىيەدىن ئەن چېسۇ، ئەركىن كورېيە پارتىيەسىدىن خۇڭ جۈنپيو، ھەققانىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن يۇ سېئۇڭمىن ۋە سىم ساڭئىڭ.

  كورېيە ئەلرايىنى سىناش ئورگىنى سايلامدىن ئىلگىرىكى ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق ئەلرايىنى سىناشتا، مۇن جائىن %40 ئەتراپىدا قوللاشقا ئېرىشىش نىسبىتى بىلەن كەينىدە تۇرۇۋاتقان ئەن چېسۇ ۋە خۇڭ جۈنپيودىن تەخمىنەن 20 پىرسەنت پوئېنت ئۈستۈن ئورۇندا تۇرۇپ، بۇ قېتىملىق سايلامدىكى قىزىق نۇقتا نامزاتى بولۇپ قالغان.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر