باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

«ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» ئافغانىستان تارماق تەشكىلاتىنىڭ كاتتىبېشى تۇيۇقسىز ھۇجۇمدا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى

2017.05.10 16:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئافغانىستان زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى 7-چېسلا بايانات ئېلان قىلىپ، ئافغانىستان قىسىملىرى ۋە ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئالدىنقى ئايدىكى تۇيۇقسىز قىلغان بىر قېتىملىق بىرلەشمە ھۇجۇمىدا، ئاشقۇن تەشكىلات «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» ئافغانىستان تارماق تەشكىلاتىنىڭ كاتتىبېشى شەيخ ئابدۇللا خاسىبنىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

  بەش بۇرجەك بىنا شۇ كۈنى بۇ خەۋەرنىڭ راستلىقىنى دەلىللەپ مۇنداق بىلدۈردى: شەيخ ئابدۇللا خاسىب 27-ئاپرىل ئافغانىستاننىڭ شەرقىدىكى نانگارخار ئۆلكىسىدىكى بىر قېتىملىق تۇيۇقسىز ھۇجۇمدا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى. ئامېرىكا زەربىدارلار ئەترىتىنىڭ ئىككى ئەزاسى بۇ قېتىملىق ھەرىكەتتە قازا قىلدى.

  ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى ئامېرىكا ئەمەلدارىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: زەربىدار ئەترىتىنىڭ بۇ ئىككى ئەزاسى بەلكىم ئۆز ئادەملىرىنىڭ ئۇقۇشماي ئاتقان ئوقىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان بولۇشى مۇمكىن.

  بەش بۇرجەك بىنا مۇنداق بىلدۈردى: شەيخ ئابدۇللا خاسىب قوماندانلىق قىلغان « ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» قوراللىق ئۇنسۇرلىرى 8-مارت ئافغانىستان پايتەختى كابۇلدىكى بىر ھەربىي دوختۇرخانىغا ھۇجۇم قىلىپ، 100دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئۆلۈشى ۋە يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

  ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ باش قوماندانى جون نېكىلسون مۇنداق دېدى: شەيخ ئابدۇللا خاسىب ئۆتكەنكى توققۇز ئايدا ئامېرىكا ۋە ئافغانىستان دۆلەت ئارمىيەسىنىڭ بىرلەشمە ھەربىي ھەرىكىتىدە ئىككىنچى بولۇپ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» ئافغانىستان تارمىقىنىڭ كاتتىبېشى ھېسابلىنىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا بۇ ئاشقۇن تەشكىلاتنىڭ نەچچە يۈزلىگەن قوراللىق ئۇنسۇرلىرى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر