8- ماي، نيۇ يوركقا جايلاشقان ب د ت باش ئىشتابىدا، ئېكسكۇرسىيىچىلەر «بىر بەلباغ، بىر يول» رەسىم كۆرگەزمىسىدە رەسىم تارتماقتا.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «خەلقئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئورتاق پايدىلىنىپ تەرەققىي قىلىش-- «بىر بەلباغ، بىر يول» رەسىم كۆرگەزمىسى 8- ماي كەچتە ب د ت باش ئىشتابىدا ئېچىلدى.
رەسىم كۆرگەزمىسى بىر ھەپتە داۋاملىشىدۇ، مەزكۇر رەسىم كۆرگەزمىسىنى جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكى ۋە شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ شىمالىي ئامېرىكىدىكى باش شۆبىسى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، مەزكۇر كۆرگەزمىدە سىياسىي جەھەتتە ئالاقە ئورنىتىش، ئەسلىھەلەرنى تۇتاشتۇرۇش، سودىنى راۋانلاشتۇرۇش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ۋە ئەل قەلبىنى مايىل قىلىش دېگەندەك بەش بۆلەك مەزمۇن ئارقىلىق، «بىر بەلباغ، بىر يول»نىڭ تەرەققىيات ئىدىيەسى، باسقۇچلۇق مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە چوڭقۇر ئەھمىيەتلەرنى ھەر تەرەپلىمە نامايان قىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى