خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2016- يىلى 9- ئاينىڭ 4- كۈنى، ئىراننىڭ تېھران شەھىرىدە، ئىشچىلار تېھران رېلىسلىق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ياساش شىركىتى قارمىقىدىكى رېلىسلىق ئاپتوموبىل قۇراشتۇرۇش زاۋۇتى ئىچىدە ئاپتوموبىل قۇراشتۇرماقتا ئىدى.
ئىراننىڭ پايتەختى تېھراندىكى بەش يول مېترو لىنىيەسىنىڭ ھەممىسىنى جۇڭگو شىركىتى ئۈستىگە ئالغان، بۇنىڭ ئىچىدە تېھران مېتروسىنىڭ 1- ۋە 2- نومۇرلۇق لىنىيە قۇرۇلۇشىنى جۇڭشىن خەلقئارا شىركىتى ئۈستىگە ئالغان، 3-، 4- ۋە 5- نومۇرلۇق لىنىيە قۇرۇلۇشىنى شىمال خەلقئارا شىركىتى ئۈستىگە ئالغان؛ مېترو ۋاگونلىرىنى جۇڭگو بىلەن ئىران بىرلىشىپ مەبلەغ سېلىپ قۇرغان تېھران رېلىسلىق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ياساش شىركىتى تەمىنلىگەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى