باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گۇاڭشىدا شاخلىتىپ سېتىش شايكىسىدىن 47سى بىتچىت قىلىندى

2017.05.10 16:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىگىلىنىشىچە، گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونلۇق سودا-سانائەت ئىدارىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى ۋە ھەر تەرەپلىمە تۈزەش ئىشخانىسى بۇ يىل 3- ئايدىن 11- ئايغىچە ئاپتونوم رايون بويىچە شاخلىتىپ سېتىشتەك قانۇنغا خىلاپ جىنايەتلەرگە زەربە بېرىش ۋە مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتىنى بىرلىشىپ قانات يايدۇرۇدىكەن. 4- ئايغىچە، ساقچى تەرەپ مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بىلەن بىرلىكتە 105 قېتىم شاخلىتىپ سېتىش قىلمىشلىرىغا زەربە بېرىش ۋە ئېنىقلاش-تۈزەش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرغان بولۇپ، بۇ ھەرىكەتتە شاخلىتىپ سېتىشقا چېتىشلىق 2323 ئادەم قولغا ئېلىنىپ، 47 جىنايەت شايكىسى بىتچىت قىلىنغان. بىر تۈركۈم كومپيۇتېر، يان تېلېفون ۋە شاخلىتىپ سېتىشقا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللار تۇتۇپ قېلىنغان، شاخلىتىپ سېتىشقا چېتىشلىق بىر تۈركۈم چوڭ ۋە مۇھىم دېلولار مۇۋەپپەقىيەتلىك پاش قىلىنغان.

  نەننىڭ ساقچى تەرەپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھازىر يەنە داۋاملىق تۈردە كۆپ قېتىملاپ، مەركەزلىك ھالدا ھەرىكەت قوللىنىپ، ھەرىكەتنى بىر تۇتاش تەشكىللەپ ۋە قانات يايدۇرۇپ، شاخلىتىپ سېتىش قىلمىشلىرىغا زەربە بېرىش ۋە تۈزەش مەخسۇس ھەرىكىتىنى نۆۋەت بىلەن قانات يايدۇرۇپ، نەننىڭ شەھىرىدە مەۋجۇت تۇرۇۋاتقان ھەر خىل شاخلىتىپ سېتىش ئۇۋىسىنى قەتئىي بىتچىت قىلىپ، نەننىڭدا شاخلىتىپ سېتىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بۇ خىل قانۇنغا خىلاپ ھالدىكى جىنايەت ئىگىلىرىنى قانۇن بويىچە قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، شاخلىتىپ سېتىش بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ نەننىڭدا شاخلىتىپ سېتىشتەك قانۇنسىز ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىشىغا ھەرگىز يول قويماسلىق كېرەك. شاخلىتىپ سېتىش تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى، تايانچ ئۇنسۇرلىرى ۋە باشقۇرۇش، ماسلاشتۇرۇش، تەشۋىق قىلىش ۋە تەربىيەلەش دېگەندەك ۋەزىپىلەرگە مەسئۇل ئەزالىرى قاتارلىقلارنىڭ ئوقۇغۇچىلار، قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ۋە ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسى قاتارلىقلارنى زورلاپ، ئۇلارنى شاخلىتىپ سېتىش ئىشىغا قاتناشتۇرىدىغان، ئۇلارغا تەھدىت سالىدىغان ۋە ئۇلارنى ئازدۇرىدىغان كىشىلەرگە نۇقتىلىق زەربە بېرىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر