باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

160 رايوندىكى مىڭدىن ئارتۇق داۋالاش ئاپپاراتى ئۆلكە ھالقىپ دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىش ھەققىنى بىۋاسىتە راسچوت قىلىدۇ

2017.05.10 15:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى تور پونكىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىسىتىرلىقى بىرلىكتە 2016-يىلى 12-ئايدا «ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ ئۆلكە ھالقىپ باشقا جايدا دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىش ھەققىنى بىۋاسىتە راسچوت قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»(ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى تارقاتقان 〔2016〕 120-نومۇر)نى تارقىتىپ، دۆلەت ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بويىچە باشقا جايدا داۋالىنىش خىراجىتىنى راسچوت قىلىش سىستېمىسى 12-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن باشلاپ سىناق تەرىقىسىدە ئىشلىتىلگەن. 2017-يىلى 5-مايغىچە، شىزاڭدىن باشقا، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر قايسى ئۆلكىلەر دۆلەت ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بويىچە باشقا جايدا داۋالىنىش خىراجىتىنى راسچوت قىلىش سىستېمىسىغا ئومۇميۈزلۈك ياكى قىسمەن ئۇلاپ، 160 رايوندا ئۆلكە ھالقىپ دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىش ھەققىنى بىۋاسىتە راسچوت قىلىش بويىچە نۇقتىدا بەلگىلەنگەن داۋالاش ئاپپاراتىدىن 1008نى تەسىس قىلغان.

  سۇغۇرتىلانغۇچىلار Http://si.12333.gov.cn تور ئادرېسىغا چىقىپ، لىنىيەدە رېئال ۋاقىتلىق ئەڭ يېڭى رايون ۋە بەلگىلەنگەن داۋالاش ئاپپاراتىنىڭ ئېچىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرسە بولىدۇ. سۇغۇرتىلانغۇچىلارنىڭ سۇغۇرتىغا قاتنىشىش مۇناسىۋىتى تۇرۇشلۇق جايدا ئېچىلغاندىن كېيىن، ئۆلكە ھالقىپ باشقا جايدا داۋالىنىشتىن بۇرۇن، سۇغۇرتىغا قاتناشقان جاينىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن شۇ جاينىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئاپپاراتىغا بېرىپ تىزىملىتىپ ئەنگە ئالدۇرۇپ، بېجىرگۈچى ئاپپارات ئەنگە ئالدۇرۇش ئۇچۇرىنى دۆلەت ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بويىچە باشقا جايدا داۋالىنىش خىراجىتىنى راسچوت قىلىش سىستېمىسىغا يوللىغاندىن كېيىن، ئېچىلغان نۇقتىدا بەلگىلەنگەن داۋالاش ئاپپاراتىدا داۋالانغاندا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسى بىلەن دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىش ھەققىنى بىۋاسىتە راسچوت قىلالايدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر