- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
مۇن جائىننىڭ كورېيە زۇڭتۇڭى بولۇپ سايلىنىدىغانلىقى مۇقىملاشتى
2017.05.10 15:48 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كورېيە مەركىزىي سايلام باشقۇرۇش ھەيئىتى 10-ماي سەھەردە ئېلان قىلغان سايلام بېلىتىنى ھېسابلاش سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئورتاق دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ نامزاتى مۇن جائىننىڭ 19-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ سايلىمىدا غەلىبە قىلىدىغانلىقى مۇقىملىشىپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ بولۇپ سايلانغان.
شۇ جاي ۋاقتى 10-ماي سەھەر سائەت 2:45 ئەتراپىدا، ئىستاتىستىكىلىغان %88.7 سايلام بېلىتى ئىچىدە، مۇن جائىن %40.3 بېلەتكە، ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان ئەركىن كورېيە پارتىيەسىنىڭ نامزاتى خوڭ جۇنپيو %25.0 بېلەتكە ئېرىشكەن. مۇن جائىن ئېرىشكەن بېلەتنىڭ ئۈستۈنلۈكى ئىستاتىستىكىلىمىغان سايلام بېلىتى نىسبىتىدىن ئېشىپ، زۇڭتۇڭ بولۇپ سايلىنىدىغانلىقى مۇقىملاشقان.
مۇن جائىن 9-ماي يېرىم كېچىدە سېئۇلدىكى گۇاڭخۇا مەيدانىدا نۇتۇق سۆزلىگەندە، ئۆزىنىڭ خەلق بىلەن قولمۇ قول تۇتۇشۇپ، كورېيەنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن بىرلىكتە ئالغا ئىلگىرىلەيدىغانلىقىنى ئېيتقان.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر