- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئېلىمىز دۇنيا بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ كەسپىي مائارىپ سىستېمىسى قۇرۇپ چىقتى
2017.05.05 15:31 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مائارىپ مىنىستىرلىقى 4-ماي چۈشتىن بۇرۇن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، يېقىنقى مەزگىلدىكى كەسپىي مائارىپ ئىسلاھاتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە 2017-يىللىق كەسپىي مائارىپ پائالىيىتى ھەپتىلىكىگە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى. مائارىپ مىنىستىرلىقى كەسپىي مائارىپ ۋە چوڭلار مائارىپى مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ جىپىڭ مۇنداق دېدى: ئېلىمىز دۇنيا بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ كەسپىي مائارىپ سىستېمىسى قۇرۇپ چىقىپ، ئوتتۇرا، ئالىي تېخنىكوم مەكتەپلىرى ئېلىمىزنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى مائارىپ ۋە ئادەتتىكى ئالىي مائارىپنىڭ يېرىمىنى دېگۈدەك ئىگىلەپ، ھەر يىلى 3 مىليونغا يېقىن ئائىلىنىڭ پەرزەنتى كەسپىي مائارىپ ئارقىلىق تۇنجى ئەۋلاد ئىستۇدېنت بولۇش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى.
ئىگىلىنىشچە، 2016-يىلى پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەسپىي مەكتەپ 12 مىڭ 300گە يېتىپ، يىلدا 9 مىليون 307 مىڭ 800 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغان، ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار 26 مىليون 802 مىڭ 100 بولۇپ، يىلدا مىليون ئادەم/قېتىم تۈرلۈك تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرغان. كەسپىي مەكتەپلەر مىڭغا يېقىن كەسىپ ۋە 100 مىڭغا يېقىن كەسىپ نۇقتىسى تەسىس قىلىپ، خەلق ئىگىلىكىنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىنى ئاساسىي جەھەتتىن قاپلىغان.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر