باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ، يەسلىلەر بىخەتەرلىك ئەھۋالىنىڭ مەكتەپلەرنى باھالاش مەزمۇنىغا كىرگۈزۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

2017.05.05 15:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەكتەپلەرنىڭ بىخەتەرلىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكى، ئائىلىنىڭ بەخت- سائادىتى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىققا بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك. مائارىپ مىنىستىرلىقى سىياسىي-قانۇن مەھكىمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى 4-ماي تونۇشتۇرۇپ: مائارىپ تارماقلىرى بىخەتەرلىك خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى مەكتەپلەرنىڭ قانۇن بويىچە مەكتەپ ئېچىش ۋە مەكتەپ رەھبەرلىك بەنزىسى خىزمىتىنى باھالاشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىدۇ، دېدى.

  مەكتەپلەرنى ئەڭ نۇرلۇق، ئەڭ بىخەتەر جاي قىلىپ قۇرۇپ چىقىش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، پىكىردە مەكتەپلەر مەكتەپ ئىچىدىكى بىخەتەرلىك باشقۇرۇش سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي زىممىسىگە ئېلىشى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، مەكتەپ بىخەتەرلىكىگە قارىتا مەكتەپ مۇدىرى (يەسلى باشلىقى) مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەكتەپ ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيەلەش ۋە باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەكىتلەندى. ئوقۇغۇچىلار مەكتەپتىكى مەزگىلدە، مەكتەپ ئىچىگە قارىتا يېپىق باشقۇرۇشنى يولغا قويۇش ھەمدە شارائىتىغا قاراپ مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىدا سوقۇلۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان قاتتىق ئەسلىھەلەرنى تەسىس قىلىش قاتارلىقلار تەلەپ قىلىندى.

  ئايرىم جايلاردا يۈز بەرگەن ھەمدە ئومۇميۈزلۈك دىققەتنى قوزغىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ بوزەك قىلىنىشى، زوراۋانلىق مەسىلىسى قاتارلىقلارغا قارىتا، پىكىردە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: مائارىپ تارماقلىرى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە ئوقۇغۇچىلارنىڭ بوزەك قىلىنىشى ۋە زوراۋانلىقنى بالدۇر بايقاش، ئالدىنى ئېلىش ۋە تاقابىل تۇرۇش يېتەكچى قوللانمىسىنى مۇھاكىمە قىلىپ تۈزۈپ، مەخسۇس دوكلات ۋە ئىستاتىستىكىلىق تەھلىل قىلىش مېخانىزمىنى قۇرۇپ چىقىدۇ. تەربىيەنىڭ قاراتمىلىقى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، پىكىردە يەنە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ناچار، زوراۋانلىق قىلمىشى بار ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا مەكتەپلەر ساقچى ئىشلىرى ئىشخانىسىدىكى خەلق ساقچىلىرى ياكى قانۇن ئىدارە قىلىش ئىشلىرى بويىچە مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى، يېتەكچى ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان خەلق ساقچىلىرى تەربىيە بېرىش تۈزۈمىنى بەرپا قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر