- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 2017-يىللىق ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھانى 6-ئاينىڭ 24-كۈنى باشلىنىدۇ
2017.05.05 16:23 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4-ماي مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئۈرۈمچىنىڭ 2017-يىللىق ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھانى 6-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن 26-كۈنىگىچە ئېلىنىدىكەن، 28 مىڭ ئوقۇغۇچى ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدىكەن.
بۇ يىل، ئۈرۈمچى شەھىرى ئاپتونوم رايون بويىچە يەنىلا بىردىنبىر ئۆز ئالدىغا سوئال چىقىرىدىغان رايون بولۇپ، ئىمتىھان ۋاقتى ۋە ئىمتىھان سوئالى چىقىرىش، ئىمتىھان سوئالىنى تەكشۈرۈشنى ئۆز ئالدىغا ئېلىپ بارىدىكەن ۋە بېكىتىدىكەن.
2017-يىللىق ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھانىدا تىل-ئەدەبىيات، ماتېماتىكا، ئىنگلىز تىلى، فىزىكا-خىمىيە (بىرلەشمە سوئال)، ئىدىيە-ئەخلاق ۋە تارىخ (بىرلەشمە سوئال)نىڭ ھەر بىرسى 150 نومۇردىن بولۇپ، ئومۇمىي نومۇر جەمئىي 800 نومۇر بولىدىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر