باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت مائاشلىق يىللىق ئوتپوسكا تۈزۈمىنى يولغا قويدى، ۋەھالەنكى يىللىق ئوتپوسكا ۋاقتى ئۆتۈپ كەتسە يوق بولۇش، يىللىق ئوتپوسكا ۋاقتىنى بەلگىلەپ بېرىش ئەھۋاللىرى يۈز بەرمەكتە

مائاشلىق يىللىق ئوتپوسكا قىلالمىسا قانداق قىلىش كېرەك؟

2017.05.05 15:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلىتىمىز ئەمگەك قانۇنىنىڭ 45- ماددىسىدا مۇنداق دەپ ئېنىق بەلگىلەنگەن: «دۆلەت مائاشلىق يىللىق ئوتپوسكا تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ.» يېقىنقى يىللاردىن بۇيان،دۆلەت مائاشلىق يىللىق ئوتپوسكا تۈزۈمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈردى ۋە ئىنچىكىلەشتۈردى، 2008- يىلى 1- ئايدا گوۋۇيۈەن يولغا قويغان «ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشلىق يىللىق ئوتپوسكا نىزامى»(تۆۋەندە «نىزام»دەپ قىسقارتىپ ئېلىندى) بىلەن2008- يىلى 9- ئايدا ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان «كارخانا ئىشچى- خىزمەتچىلىرىنىڭ مائاشلىق يىللىق ئوتپوسكىسىنى يولغا قويۇش چارىسى»(تۆۋەندە «چارە»دەپ قىسقارتىپ ئېلىندى)دە بۇ تۈزۈمنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قانۇنىي جەھەتتىن كاپالەتلەندۈردى.

  يىللىق ئوتپوسكىنى يىل ئاتلاپ ئىلتىماس قىلسا بولامدۇ؟ مۇبادا يىللىق ئوتپوسكا قانۇنلۇق ھوقۇقىغا دەخلى تەرۇز قىلىنسا، ئەمگەكچى ھوقۇقىنى قانداق قوغدىشى كېرەك؟

  «نىزام» ۋە «چارە»دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئىشلەپچىقىرىش، خىزمەت ئالاھىدىلىكى سەۋەبلىك ئىشچى- خىزمەتچىلەرنى يىل ئاتلاپ يىللىق ئوتپوسكىغا ئورۇنلاشتۇرۇشقا توغرا كەلسە، بىر يىل ئاتلاپ يىللىق ئوتپوسكىغا ئورۇنلاشتۇرسا بولىدۇ، بىراق تولۇقلاپ دەم ئېلىشنى شۇ بىر يىلدا قىلىش ئېنىق بەلگىلەنمىگەن، شۇڭا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ يىل ئاتلىتىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن «ۋاقتى ئۆتۈپ كەتتى»دەپ يوق قىلىۋېتىشى قانۇنسىز «مۇشتۇمزور ماددا». جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن ئىنستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى ليۇ جۈنخەي مۇنداق دەپ قارىدى: مۇبادا ئەمگەكچى شۇ يىلى يىللىق ئوتپوسكىنى ئېلىپ تۈگىتەلمىگەن بولسا، ئىدارە بىلەن كېلىشىپ كېيىنكى يىلى تولۇقلاپ دەم ئالسا بولىدۇ ياكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە ئىدارىسىدىن دەم ئېلىپ بولالمىغان يىللىق ئوتپۇسكىغا كۈنلۈك ئىش ھەققىنىڭ %300 بويىچە مائاش تەمىناتى بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.ليۇ جۈنخەي مۇنداق تەكلىپ بەردى: «مائاشلىق يىللىق ئوتپۇسكا قانۇندا ئەمگەكچىگە بېرىلگەن قانۇنلۇق ھوقۇق، ئەمگەكچى ھوقۇقىنى ھەقلىق يوسۇندا قوغدىشى كېرەك، بىراق چېكىدىن ئاشقان ھەرىكەت قوللانسا بولمايدۇ. ئەمگەكچى ھوقۇقىنى ئاقىلانە، ئىلمىي قوغداش ئېڭى ۋە ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇپ، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن پىكىرلىشىش، كېسىم چىقىرىشنى ئىلتىماس قىلىش، ئەرز سۇنۇش قاتارلىق ئۇسۇللاردىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئەتىنى قوغدىشى كېرەك.»

  تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ئەدلىيە يولى ئارقىلىق ھوقۇقنى قوغداش جەريانىدا، ئەمگەكچىلەر پاكىتنى مەركەزلەشتۈرۈش، ساقلاش ۋە پاكىت كۆرسىتىش مەسئۇلىيىتىنىڭ يۆتكىلىشىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك. «ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ مائاش خاتىرىسىنى ساقلاپ قويۇش مەجبۇرىيىتىگە قارىتا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ ئىككى يىل ئىچىدە ئەمگەكچىنىڭ ئوتپۇسكىسىغا دائىر ئىشلاردا پاكىت كۆرسىتىپ بېرىش مەسئۇلىيىتى بار، ئىككى يىللىق مۇددەتتىن ئۆتۈپ كەتسىلا، پاكىت كۆرسىتىش مەسئۇلىيىتى ئەمگەكچىنىڭ ئۈستىگە ئېلىشىغا يۆتكىلىدۇ، بۇنىڭدا ئۆزى ئوتپۇسكا ھەققىدە ئالاقىدار پاكىت بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.» چاۋياڭ رايونلۇق سوت مەھكىمىسىنىڭ سوتچىسى ۋاڭ ياڭ مۇنداق دەپ ئەسكەرتتى: ئىككى يىللىق مۇددەتتىن ئېشىپ كەتكەن يىللىق ئوتپۇسكىغا نىسبەتەن، ئەمگەكچى ئىسپات كۆرستەلمىسە ھەم ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن دەۋا سۈرۈكىدە ئۆزىنى ئاقلىيالمىسلا، سوت مەھكىمىسى قوللىمايدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر