باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى بۇلاقتاغ رايونى تۆت بۆلەك رايوننى نۇقتىلىق تۈزەپ، ئاساسىي ئەسلىھەنى ياخشىلايدۇ

2017.05.05 15:01         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  24-ئاپرېل، ئۈرۈمچى بۇلاقتاغ رايونىدا مۇھىت تازىلىقىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش ھەرىكىتى ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، تەۋەلىكتىكى بارلىق باشقۇرۇش كومىتېتلىرى، مەھەللىلەرنىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرى پاكىز تازىلاندى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىككى مۇھىم تۈر ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، كوچا مۇھىتى يەنىمۇ ياخشىلاندى.

  بۇلاقتاغ رايونلۇق قۇرۇلۇش كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى رېن جيەنمىڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىل ئۇنىۋېرسال تۈزەشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى چىداۋان رايونى بۆلەك رايونى، گۈنيۈەن يولى بۆلەك رايونى، 1-نومۇرلۇق تىك قۇدۇق رايونى بۆلەك رايونى ۋە يىكەنكۆل رايونى بولۇپ، ھەربىر بۆلەك رايوننى ئۆز ئالاھىدىلىكىگە قاراپ تۈزەيمىز.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل چىداۋان رايونىدىكى كونا ئولتۇراق رايونلارنىڭ ئاساسىي ئەسلىھەسى ياخشىلىنىپ، سۇ بىلەن تەمىنلەش ۋە يۇندا بىر تەرەپ قىلىش سىستېمىلىرى ئۆزگەرتىلىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە يېڭىدىن 16 يول كۆپەيتىلىپ، كۆرگەزمە رايونى يول تورى ياخشىلىنىدىكەن، بۇلاقتاغ كۆل قۇرۇلۇشىدا ئاي ئاخىرىدا ئىش باشلىنىدىكەن، بۇ قۇرۇلۇش پۈتسە سۇ مەنزىرىسى ئارقىلىق بۇلاقتاغ رايونىغا تېخىمۇ ھۆسىن قوشۇلىدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر