باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«بىر بەلباغ، بىر يول» بىخەتەرلىك ھەمكارلىقى سۆزلىشىشى ئۆتكۈزۈلدى

2017.05.05 15:37         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى بىلەن 20 دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىك تارماقلىرىنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» بىخەتەرلىك ھەمكارلىقى سۆزلىشىشى تۈنۈگۈن بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى مېڭ جيەنجۇ يىغىنغا قاتناشقان دۆلەتلەر ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ باشلىقلىرى بىلەن كۆرۈشتى، دۆلەت كومىسسارى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرى گو شېڭكۇن باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى.

  مېڭ جيەنجۇ مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ ئۈچ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرى «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغان، بۇ تەشەببۇس خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ پائال ئاۋاز قوشۇشىغا ئېرىشتى، 100 نەچچە دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلات بىرلىكتە قاتناشتى، ئىقتىساد-سودا، مەبلەغ سېلىش، ئۇل ئەسلىھە قاتارلىق ھەمكارلىق يەنىمۇ كۈچەيدى. يېقىندا بېيجىڭدا ئۆتكۈزىلىدىغان «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى يىپەك يولى بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. جۇڭگو ھەر قايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى بىرلىكتە بەرپا قىلىش ئۈستىدە مەسلىھەتلىشىپ، يىپەك يولى بويىدىكى دۆلەتلەر تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىپ، ھەر قايسى دۆلەتلەر ۋە ھەر قايسى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ بەخت يارىتىدۇ.

  مېڭ جيەنجۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ھازىر دۇنيادا مۇقىمسىزلىق ئامىللىرى كۆپىيىپ قالدى، تېررورىزم ئىنسانلارنىڭ ئورتاق بىخەتەرلىكىگە ئېغىر تەھدىت سالماقتا. خەلقئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، خىرىس ۋە رىقابەتكە بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق ۋەزىپىسى. ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، بىخەتەرلىك ھەمكارلىقى سۆزلىشىشىنىڭ سۇپىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۇچۇر ئالاقىسى ۋە ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، قانۇن ئىجراسى بىخەتەرلىكى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئورتاق تەرەققىياتنى، ئورتاق گۈللىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  گو شېڭكۇن مۇنداق دېدى: ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق بىخەتەرلىك، ھەمكارلىق بىخەتەرلىكى ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» بىخەتەرلىك ھەمكارلىقى مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەمكارلىق بايلىقى ۋە يوشۇرۇن كۈچىنى چوڭقۇر قېزىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، چەتئەلدىكى مەنپەئەتنى قوغداش ۋە بىخەتەرلىك كاپالىتى قاتارلىق ئەمەلىي ھەمكارلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، بىخەتەرلىك ھەمكارلىقى سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  يىغىنغا قاتناشقان ھەر قايسى تەرەپلەر جۇڭگو بىلەن بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا بىخەتەرلىك جەھەتتىن كاپالەتلىك قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر