باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ رايونىدا تور شىنجاڭ مىللەتلەر كوچىسى بەرپا قىلىنىدۇ

2017.05.05 14:59         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  1 - ماي، ئۈرۈمچى شەھەرلىك سودا ئىشلىرى ئىدارىسى (ئاشلىق ئىدارىسى) نىڭ تەڭرىتاغ رايونى شىنخۇا جەنۇبى يولى مەھەللە ئاھالىلەر كومىتېتىدا تۇرۇشلۇق «ئۈچ ئەل» خىزمىتى ئەترىتىدىكى كادىرلار مەھەللە ئاھالىلەر كومىتېتى بىلەن بىرلىكتە ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ شىنجاڭ مىللەتلەر كوچىسىغا كىرىشى پائالىيىتىنى قوزغاتتى، بۇ يەردىكى 300 دىن ئارتۇق سودىگەر ئېلېكترونلۇق سودا سۇپىسىغا قاتنىشىپ، تور شەكلىدىكى شىنجاڭ مىللەتلەر كوچىسىنى بەرپا قىلدى.

  قوزغىتىش مۇراسىمىدا، «يېلىنماۋ» ئېلېكترونلۇق سودا سۇپىسىنىڭ مۇتەخەسىسلىرى سودىگەرلەرنى تور سودىسىدىن پايدىلىنىش توغرىسىدا تەربىيەلىدى.ئېلېكترونلۇق سودا دېگەن نېمە؟ قانداق قىلغاندا ئېلېكترونلۇق سودا سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ مال ساتقىلى بولىدۇ ؟ شىنجاڭ مىللەتلەر كوچىسىدا شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى سودىسى قىلىدىغان سودىگەر ئەركىن ئابدۇسالامنىڭ بۇ سۇئاللىرى تەربىيەلەش سىنىپىدا جاۋاب تاپتى.

  نۆۋەتتە، خىزمەت ئەترىتى «يېلىنماۋ» چېگرا ھالقىغان ئېلېكترونلۇق تور مۇلازىمەت سۇپىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ، شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر كوچىسى ئۈچۈن مەخسۇس سەھىپە ئېچىپ، بارلىق تور سودىگەرلىرىنىڭ بۇ سۇپىدىن ھەقسىز پايدىلىنىشىغا شارائىت ياراتقان، ھەمدە ئۇلارنى تېخنىكا جەھەتتىن قوللىغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر