باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن ئانا مەكتىپىدىكى ئوقۇتقۇچى–ئوقۇغۇچىلارغا تەشۋىقات دوكلاتى بەردى

2017.05.05 15:01         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەتلىك ‹‹1 – ماي›› ئەمگەك مېدالىغا ئېرىشكۈچى، ئاپتونوم رايون بويىچە مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزاسى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتى ئۈلگىسى ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن ئانا مەكتىپى ئۈرۈمچى كەسپىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، 4 – ئاينىڭ 28 – كۈنى بۇ مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلارغا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تېمىسىدا تەشۋىقات دوكلاتى بەردى.

  ‹‹مەن جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بىر ئاددىي ئائىلىدە تۇغۇلغان، ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىم پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تەربىيەلىشىدىن ئايرىلالمايدۇ، خەنزۇ قېرىنداشلارنىڭ ياردىمى ۋە رىغبەتلەندۈرۈشىدىن ئايرىلالمايدۇ...›› بىر سائەتتىن كۆپرەك بېرىلگەن تەشۋىقات دوكلاتىدا، ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن ئۆزىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش ۋە خىزمەت كەچۈرمىشلىرىگە بىرلەشتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتى ۋە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش خىزمىتىنى مىسال كەلتۈرۈش ئارقىلىق، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىنجاڭدىكى تېز تەرەققىيات ۋە ئۆزگىرىشلەرنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ رەزىل قىلمىشىنى پاش قىلدى ۋە تەنقىدلىدى. ئۇ ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلارنىڭ مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش ۋە ئۆزىنى بېغىشلاش ھېسسىياتى بىلەن تىرىشىپ ئۆگىنىپ، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق قوغدىشىنى تەشەببۇس قىلدى. ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن يەنە يېقىندا ئۆزىنىڭ مەملىكەتلىك ‹‹1 – ماي›› ئەمگەك مېدالىغا ئېرىشكەنلىكىدەك بۇ چوڭ خۇشاللىقىدىن ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلار بىلەن تەڭ بەھرىلەندى.

  ئۈرۈمچى كەسپىي ئۇنىۋېرسىتېتى تاراتقۇ ئىنستىتۇتىنىڭ 1 – يىللىق ئوقۇغۇچىسى ئېلىيار تۇرسۇن مۇنداق دېدى: دوكلاتنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، بىزنىڭ زوراۋان – تېررورچى كۈچلەرگە قارشى كۈرەش قىلىش ئىشەنچىمىز، ئىرادىمىز تېخىمۇ كۈچەيدى. ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن ئېلان قىلغان ‹‹ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا خىتاب››تا ھەر بىر كىشىنىڭ يۈرەك سۆزى ئېيتىلغان، ھازىرقى زامان ئىستۇدېنتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، ھەر قانداق كىشىنىڭ تىنچ ۋە ئىتتىپاق گۈزەل تۇرمۇشىمىزغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا قەتئىي يول قويمايمىز.

  ئۇقۇشىمچە، ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن 1997 – يىلى ئۈرۈمچى كەسپىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ماركېتىڭ كەسپىنى پۈتكۈزگەن ئىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر