باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سىز بىلمەيدىغان C919 ھەققىدە

2017.05.05 15:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلىتىمىز ئىشلەپچىقارغان C919 ناملىق چوڭ تىپتىكى يولۇچىلار ئايروپىلانىدىن 101ى 4-ماي جۇڭگو «شاڭفېي» شىركىتى جۇچياۋ بازىسىنىڭ سىناق مەركىزىگە توختىتىلغانىدى. بۇ دۆلىتىمىز ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان، خەلقئارا ئاساسىي ئېقىم سەۋىيەسىگە ئىگە غول لىنىيەلىك يولۇچىلار ئايروپىلانى بولۇپ، 5-ماي تۇنجى قېتىم ئۇچىدۇ.

  4-ماي چۈشتىن بۇرۇن، C919نىڭ باش لايىھەلىگۈچىسى ۋۇ گۇاڭخۇي بازىدىكى ئايروپىلان ئىسكىلاتىدا ئالدىراش ئىدى، تۇنجى ئۇچىدىغان كۈننىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، ۋۇ گۇاڭخۇي باش لايىھەلىگۈچى بولۇش سالاھىيىتى بىلەن ئىنتايىن ھاياجانلاندى.ۋۇ گۇاڭخۇي مۇنداق دېدى: تۇنجى ئۇچۇش يېڭى تىپتىكى ئايروپىلان تەتقىق قىلىپ ياساشتىكى مۇھىم نۇقتا، لايىھەلىگۈچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئىنتايىن ھاياجانلاندىم، لېكىن ئۆزۈمنى ئۈزۈم ھاياجىنىمنى بېسىۋېلىپ، تۇنجى قېتىم ئۇچۇشتا يەنە قانداق مەسىلىلەرنىڭ كۆرۈلىدىغانلىقىنى كۆپرەك ئويلاشنى ئەسكەرتتىم. ئۇچۇرۇپ سىناپ باققۇچى ئۇچقۇچىمىز ئومۇمىي جەھەتتىن تەييارلىقنى پۇختا قىلدى، ئالدىنقى باسقۇچلۇق سىيرىلىش سىنىقىمۇ مۆلچەردىكىدىن ياخشى بولدى.

  ۋۇ گۇاڭخۇي ئايروپىلان بۆلۈمىسىگە كىرىپ مۇخبىرغا C919نى لايىھەلەش جەريانى ۋە تېخنىكىلىق بۆسۈشنى تونۇشتۇردى. باش لايىھەلىگۈچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، C919نىڭ سىرتقى قۇرۇلمىسىدىن تارتىپ سىستېما ئۇلاش ئېغىزىغىچە ئۇنىڭ مېڭىسىگە قويۇلۇپ كەتكەنىدى.

  ئايروپىلانغا نىسبەتەن ئۆز ئالدىغا لايىھەلەش نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ ۋۇ گۇاڭخۇي مۇنداق دېدى: پۈتۈنلەي مۇستەقىل بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە بولۇش ئايروپىلاننىڭ ئومۇمىي لايىھەسىگە قارىتا ئېيتىلغان. بۇ ئاساسلىقى ئۈچ جەھەتتە ئىپادىلىنىدۇ: بىرىنچى، بازارنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن لايىھە بېكىتىش. ئېلىمىزدەARJ21 ناملىق يېڭى تارماق لىنىيەلىك يولۇچىلار ئايروپىلانى بار، ئەسلىدە تېخىمۇ چوڭ ئايروپىلان لايىھەلەشنى ئويلىغانىدىم، لېكىن بازارنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق 150 ئورۇنلۇق يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ بازاردىكى ئاساسىي ئېقىم ئايروپىلان تىپى، بازار ئىستىقبالىنىڭ ئەڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلدىم، شۇڭا ئالدى بىلەن دۆلەت ئىچى بازىرىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى يۆنىلىش قىلىپ بۇ ئايروپىلان تىپىنى تاللىدىم.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر