خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3- ماي، پاكىستاننىڭ ئىسلامئاباد شەھىرىدە، جۇڭگونىڭ پاكىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ باش ئەلچىسى سۈن ۋېيدۇڭ ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلىدى. جۇڭگونىڭ پاكىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى ۋە پاكىستان-جۇڭگو ئىلمىي جەمئىيىتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان «بىر بەلباغ، بىر يول» نۇتۇق سۆزلەش يىغىنى 3- ماي پاكىستاننىڭ پايتەختى ئىسلامئابادتا ئۆتكۈزۈلدى. نۇتۇق سۆزلەش يىغىنىدا «بىر بەلباغ، بىر يول» ئىدىيەسىنى تونۇشتۇردى، ھەمدە پاكىستان-جۇڭگو بىرلىكتە ھاسىل قىلغان «بىر بەلباغ، بىر يول» نەتىجىسىنى يەكۈنلىدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى