ئىچكى موڭغۇلغا كىرگەن ئوت ئۆچۈرۈلدى
2017.05.05 15:35 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
رۇسىيە تاشقى بايقال چېگرا رايونلۇق تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقى 3-ماي خەۋەر ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: بۇ چېگرا رايون ئىچىنىڭ يەتتە جايىدىكى ئورمان ئوتىنىڭ ھەممىسى ئۆچۈرۈلدى. تاشقى بايقال چېگرا رايونى جۇڭگو ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ شەرقىي شىمالى قىسىمى بىلەن چېگرىلىنىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، جۇڭگو ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى چوڭ ھىنگان تېغىنىڭ شىمالى قىسمىدىكى ياما دەرياسى ئورمانچىلىق مەيدانىدا 30-ئاپرېل رۇسىيە چېگراسىدىن كۆيۈپ كىرگەن ئوت بايقالغان، 2-ماي ئىچكى موڭغۇلغا كىرگەن ئوت ئۆچۈرۈلگەن، ئاپەتتە ئۆلۈم-يېتىم ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر