باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

فىرانسىيەگە ساياھەتكە كېلىدىغان تەخمىنەن يېرىم جۇڭگولۇق ئەركىن ساياھەتنى تاللايدۇ

2017.05.05 15:21         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  فىرانسىيەنىڭ ساياھەت كەسپى 2016-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ ئاستا-ئاستا ئەسلىگە كېلىشكە باشلىدى. سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2016-يىلى دېكابىردا چوڭ پارىژ رايونىدىكى جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەر ئوخشاش مەزگىلىدىكىسىدىن %40.8 ئاشقان. شۇنىڭ بىلەن ئوخشاش بىر ۋاقىتتا، ساياھەت ئۇسۇلىمۇ پەيدىنپەي خىللاشقان، ئەركىن ساياھەت ۋە زاكازلىق ساياھەتكە يۈزلىنىش كۈنسېرى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، ساياھەت بازىرىنىڭ ئېشىشىنى ئاممىبابلىقتىن ئىنچىكىلىككە يۈزلەندۈرۈشكە تۈرتكە بولغان.

  فىرانسىيە جۇڭگولۇقلار ساياھەت كوپىراتىپىنىڭ قۇرغۇچىسى شى خېڭيۈ مۇنداق دېدى: كەسىپ ئىگىلىرىنىڭ مۆلچەرىگە قارىغاندا، ھازىر فىرانسىيەگە ساياھەتكە كېلىدىغان تەخمىنەن يېرىم جۇڭگولۇق ئەركىن ساياھەتنى تاللايدىكەن.

  شى خېڭيۈ مۇنداق دېدى: ئەركىن ساياھەتنىڭ كۈنسايىن ئومۇملىشىشىدا نۇرغۇن سەۋەب بار. ۋىزا ئىلتىماس قىلىش تېخىمۇ قولايلىق بولۇشتىن سىرت، يەنە ياش بىر ئەۋلادلارنىڭ چەتئەل تىلى سەۋىيەسى ۋە پىكىرلىشىش ئىقتىدارى ئاشتى، توردا ئايروپىلان بېلىتى، مېھمانخانا زاكاز قىلالايدۇ، ھەتتا شۇ يەردە ئاپتوموبىل ئىجارىگە ئالالايدۇ، ساياھەت كوپىراتىپىنىڭ «ئارقا سەپ مۇلازىمىتى»گە ئېھتىياجى يوق.

  ساياھەتچىلەر ساياھەت كوپىراتىپىنى تاللىغان تەقدىردىمۇ يېڭى ئېھتىياجلارنى تەلەپ قىلىدۇ، شى خېڭيۈ مۇنداق دېدى: ساياھەتچىلەرنىڭ فىرانسىيەدىكى ئەڭ خۇشال ئەسلىمىسى ئېففېل تۆمۈر مۇنارى ياكى لوفرې سارىيىنى كۆرگەنلىك بولماستىن، بەلكى بەزىدە فىرانسىيەلىكنىڭ ئۆيىدە ئون نەچچە مىنۇت تۇرۇپ قالغانلىقى ئەڭ ئەستە قالارلىق يېڭىچە كەچۈرمىش ئىكەنلىكىنى ئومۇميۈزلۈك ئىنكاس قىلىشىدۇ، بارغانسېرى كۆپ ساياھەتچىلەر يېڭىچە كەچۈرمىش ۋە بايقاش تەجرىبىسىنى قوغلىشىدىغان بولدى.

  ساياھەت ئېھتىياجىنىڭ ئۆزگىرىشى ھازىرقى ساياھەت مەھسۇلاتلىرىغا يېڭىچە خىرىس ئېلىپ كەلدى. فىرانسىيە جۇڭگولۇقلار ساياھەت كوپىراتىپى جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ياۋ شياڭ ھاياجانلىنىپ مۇنداق دېدى: دۆلەت ئاتلاپ ساياھەت قىلىدىغانلارنىڭ ياشلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئاپتوبۇسلۇق كۆپ دۆلەتنى ئايلىنىش ئېھتىياجى خېلىلا ئازايدى. ھازىر ساياھەتچىلەر چوڭقۇر خاسلىققا ئىگە ساياھەت قىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، شۇڭا بازار ئېھتىياجىنى قاندۇرىدىغان يېڭى مەھسۇلاتنى ئېچىش لازىم.

  جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنىڭ دۆلەت ھالقىپ ساياھەت قىلىش ئەندىزىسىنىڭ ئۆزگىرىشى ساياھەت بازىرىنىڭ ئېشىشىنى ئاممىبابلىقتىن ئىنچىكىلىككە يۈزلەندۈرۈشكە تۈرتكە بولدى، قىسمەن كەسىپ ئىگىلىرى سەزگۈرلۈك بىلەن بۇ ئۆزگىرىشنى بايقاپ، ئەنئەنىۋىي ئەندىزە توسۇقىنى يېڭىپ، زاكازلىق مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش ئارقىلىق، ئۆزگىرىۋاتقان بازاردا باش كۆتۈرۈپ چىقتى.

  پارىژدىكى نامى بار مۇزېي چۈشەندۈرگۈچى، غەرب سەنئەت تارىخى ھەۋەسكارى ليۇ خەيشيا 2015-يىلى بىر يىللىق ئۆگىنىش ئارقىلىق چۈشەندۈرگۈچىلىك سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن، شۇنىڭدىن كېيىن زاكازلىق مۇلازىمەت، يۇقىرى سەۋىيەلىك چۈشەندۈرۈش ۋە ئاشكارا باھاغا تايىنىپ، فىرانسىيەنىڭ سەنئەت تارىخىنى بىلىشنى خالايدىغان بىر تۈركۈم ساياھەتچىلەرنى تېزلىك بىلەن جەلپ قىلدى.

  ليۇ خەيشيا مۇنداق دېدى: زاكازلىق مۇلازىمەت قاتتىق دېتالدىكى ئالىي دەرىجىلىك بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ، مىچېلىن رېستورانى ۋە بەش يۇلتۇزلۇق مېھمانخانىلا بولۇش ئەمەس، بەلكى مېھماننىڭ ئوخشىمايدىغان ئىستېمال ئىقتىدارى ۋە ئېھتىياجىغا ئاساسەن مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، مېھماننىڭ سەنئەت مەدەنىيەت ساپاسىنى ئۆستۈرۈشىگە، ئۇلارنىڭ روھىي ۋە قەلب ئوزۇقىغا ئېرىشىشىگە ياردەم بېرىش ھېسابلىنىدۇ.

  يۇقىرى سۈپەتلىك چۈشەندۈرۈش ۋە ھەمراھ بولۇپ كۆرگەزمە قىلىشتىن باشقا، ليۇ خەيشيا ساياھەتچىلەرنى فىرانسىيەنىڭ تۇرمۇش ئېستېتىكىسىنى ھېس قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئۇ ساياھەتچىلەرنى باشلاپ فونتېنەيبلودى موزىيىنى كۆرگەزمە قىلغاندىن كېيىن فىرانسىيەلىك دوستنىڭ ئۆيىدە تاماق يېگەنلىكىنى ئەسلەپ مۇنداق دېدى: فىرانسىيە ئۆيلىرىنىڭ تۇرمۇش تەپسىلاتى ساياھەتچىلەرنىڭ كۈچلۈك قىزىقىشىنى قوزغىدى، كۆپچىلىك بالىخانا ۋە يەر ئاستىغا ئۆيلەرگە كىرىپ سۈرەت تارتىشتى، مېھمانلار فىرانسىيەلىكنىڭ تۇرمۇشنى قىزغىن سۆيىدىغان پوزىتسىيەسىدىن تەسىرلەنگەنلىكلىرىنى، ئۆيلىرىگە قايتىشىپ ئۇلارغا ئوخشاش سەرەمجانلاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتىشتى.

  ئۇ يەنە ئۈزلۈكسىز فىرانسىيەچە ئېستېتىكا دەرسلىكلىرىنى لايىھەلەپ ئاچتى، مەسىلەن: فىرانسىيە گۈل سەنئىتى چېمپىيونى ياك كاستانې بىلەن ھەمكارلىشىپ فىرانسىيەچە گۈل تىزىش دەرسلىكى ئاچتى، داڭلىق ئاشپەزلىك مەكتىپى بىلەن ئالاقىلىشىپ فىرانسىيەچە تاماق ئېتىش تەجرىبە دەرسلىكى قاتارلىقلار بىلەن تەمىنلىدى.

  ھازىر، زاكازلىق مۇلازىمەت ليۇ خەيشياغا شۆھرەت ۋە مېھمان ئېلىپ كەلدى، ئۇمۇ مېھمانلارنى قاراتمىلىقى بار مەدەنىيەت چۈشەندۈرۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى.

  ليۇ خەيشيا مۇنداق دېدى: ئاپتوبۇسلۇق ساياھەتكە سېلىشتۇرغاندا مېنىڭ ھەق ئېلىش ئۆلچىمىم قىممەترەك، بىراق باھا ئاشكارا بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىمەن. باھا ئۆلچىمى مېنىڭ ئەقلىي ئەمگىكىمنى ئاساس قىلغان، مېنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچۈم ئىلىم دەرىجىسىدىكى مەدەنىيەت ھەمراھى بولۇپ، مېھمانلارنىڭ روھىي، مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشۇمدا.

  ليۇ خەيشيانىڭ ئېيتقىنىدەك، مەيلى ئەركىن ياكى زاكازلىق ساياھەت بولسۇن، پىشقان جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەردە تېخىمۇ كۆپ مەدەنىيەت ۋە روھىي قاتلامدىكى ئېھتىياجلار بولۇشقا باشلىدى، بۇ دۆلەت ئاتلاپ ساياھەت قىلىشقا - ياقا يۇرتلاردا سەنئەت مەدەنىيەت ئوزۇقى ئېلىش، باشقىچە تۇرمۇش ئېستېتىكىسىدىن ھۇزۇرلىنىش، روھىي قانائەتكە ئىگە بولۇش قاتارلىق تېخىمۇ كۆپ مەنىلەرنى قوشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر