باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدلىيە نازارىتى پارتكومىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن نازىرى رېن جيېلىڭ قاتارلىق ئىككى كىشى تەشكىل تەرىپىدىن تەكشۈرۈلدى

2017.05.19 13:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدلىيە نازارىتى پارتكومىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن نازىرى رېن جيېلىڭ ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مائارىپ نازارەتچىسى تاھىر ناسىر (مۇئاۋىن نازىر دەرىجىلىك) ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغاچقا، نۆۋەتتە تەشكىلىي جەھەتتىن تەكشۈرۈلىۋېتىپتۇ.

  رېن جيېلىڭنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى :

  رېن جيېلىڭ، ئەر، خەنزۇ، خېبېي ئۆلكىسى نەنخې ناھىيەسىدىن، 1960- يىلى 9- ئايدا تۇغۇلغان، 1979- يىلى 11- ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1983- يىلى 10- ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە كىرگەن.

  تاھىر ناسىرنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى:

  تاھىر ناسىر، ئەر، ئۇيغۇر، 1961- يىلى 9- ئايدا تۇغۇلغان، شىنجاڭ كۇچالىق، 2000- يىلى 2- ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە كىرگەن، 1985- يىلى 8- ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ماتېماتىكا كەسپىنى پۈتتۈرگەن، ئالىي مەكتەپ ئوقۇش تارىخىغا ئىگە.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر