باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يوقاپ كەتكەن بالىلارنى تېپىپ كېلىپ «جەم قىلىش» سىستېمىسى ئىشقا سېلىنغان بىر يىلدىن بۇيان، ئۇنىڭغا تايىنىپ تېپىپ كېلىنگەن بالىلارنىڭ سانى 1274 نەپەرگە يەتكەن

2017.05.18 15:14   مەنبە: خەلق تورى

يوقاپ كەتكەن بالىلارنى تېپىپ كېلىپ «جەم قىلىش» سىستېمىسى ئىشقا سېلىنغان بىر يىلدىن بۇيان، ئۇنىڭغا تايىنىپ تېپىپ كېلىنگەن بالىلارنىڭ سانى 1274 نەپەرگە يەتكەن

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 17- ماي، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىدىكى جىنايى ئىشلارنى تەھقىقلەش ئىدارىسى ئالداپ سېتىشقا زەربە بېرىش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى چېن جيەنفېڭ «جەم قىلىش» سىستېمىسى ئىشقا سېلىنغاندىن كېيىنكى بىر يىللىق سانلىق مەلۇماتلارنى ئانالىز قىلماقتا.

  شۇ كۈنى، ج خ مىنىستىرلىقى يوقاپ كەتكەن بالىلارنىڭ ئۇچۇرىنى دەرھال ئېلان قىلىش سۇپىسىنىڭ 3- قارارلىق ئىشلىتىلىش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزدى. ج خ مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىنىشىچە، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى يوقاپ كەتكەن بالىلارنىڭ ئۇچۇرىنى دەرھال ئېلان قىلىش سۇپىسىدىكى«جەم قىلىش» سىستېمىسى ئىشقا سېلىنغان بىر يىلدىن بۇيان، يوقاپ كەتكەن 1317 نەپەر بالىنىڭ ئۇچۇرىنى ئېلان قىلىپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى 1274 نەپەر بالىنى قۇتقۇزۇپ تېپىپ كەلگەن ياكى ئاخىرىقى دېرىكىنى ئېلان قىلغان. يوقاپ كەتكەن ئۇ بالىلارنىڭ تېپىلىش ياكى ئىز-دېرىكى قىلىنىش نىسبىتى %96.74غا يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، ئالداپ سېتىۋېتىلگەن بالىلاردىن 40 نەپەر، ئۆيدىن چىقىپ كەتكەن بالىلاردىن 750 نەپەر، يولدىن ئادىشىپ يوقاپ كەتكەن بالىلاردىن 192 نەپەر، سىرتقا چىقىپ ساۋاقدىشىنىڭ ئۆيىگە بېرىش بىلەن يوقاپ كەتكەن بالىلاردىن 67 نەپەر، ئائىلە ماجىراسى ۋە قەرز ماجىراسى دېگەندەك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بولغان دەپ، يالغان مەلۇمات قىلىنغان بالىلاردىن 114 نەپەر تېپىپ قۇتقۇزىۋېلىنىپ قايتۇرۇپ كېلىنگەن؛ بەختكە قارشى سۇدا تۇنجۇقۇپ ئۆلۈپ كەتكەن بالىلاردىن 75 نەپەر، ۋە باشقا كۈتۈلمىگەن ۋەقەلەردە قازا قىلغان بالىلاردىن يەتتە نەپەر، بەختكە قارشى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان بالىلاردىن 29 نەپەرنىڭ ئىز-دېرىكى ئېلان قىلىنغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·بۇ يىل پىلان بويىچە 80 مىڭ ئالاھىدە شتات ئوقۇتقۇچىسى قوبۇل قىلىنىدۇ
    ·ئىنگلىز تىلى 4-دەرىجە ئىمتىھانىنىڭ ئەمالار يېزىقىدىكى ئىمتىھان قەغىزىنىڭ تەييارلىق خىزمىتى پۈتتى
    ·ئاپتونوم رايونىمىز مەملىكەت دائىرىسىدىن 22 مىڭ 972 ئوقۇتقۇچىنى ئاشكارا قوبۇل قىلىدۇ
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا، ئوقۇغۇچىلار…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: 2017-يىللىق جايلارنىڭ ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىم…
    ·چوڭ ۋە ئوتتۇرا شەھەرلەر بىرلىشىپ خىزمەتكە تەكلىپ قىلىشنىڭ رايون ھالقىغان سەييارە پونكىتلىرى تۇنجى ب…
    ·جۇڭگو شىنجاڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئۆمىكى ئافغانىستاننى زىيارەت قىلدى 
    ·شىنجاڭ سانجى ئىنستىتۇتى 29 نەپەر يۇقىرى قاتلاملىق ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈشنى پىلانلىدى 
    ·ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 2017-يىللىق ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھانى 6-ئاينىڭ 24-كۈنى باشلىنىدۇ
    ·ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى تەييارلىقى ئەڭ ئاخىرقى ھۇجۇم پەللىسىگە كەلدى