باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئىستۇدېنتلارغا ئىش ئىزدەش، ئىگىلىك تىكلەش ياردەم پۇلى بېرىش دائىرىسى كېڭەيتىلدى

  ياردەم پۇلى بېرىش دائىرىسىگە تۆۋەن كاپالەت ئوبيېكتى، نامرات مېيىپلار، ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا بېجىرگەن نامرات ئائىلىلەر ۋە قىيىنچىلىقى ئېغىرلار قاتارلىق تۆت تۈردىكى ئوقۇغۇچىلار كىرگۈزۈلدى

2017.05.18 14:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئىستۇدېنتلارغا ئىش ئىزدەش، ئىگىلىك تىكلەش ياردەم پۇلى بېرىش دائىرىسى يەنىمۇ كېڭەيتىلدى. ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى، سودا-سانائەت باش ئىدارىسى قاتارلىق مىنىستىرلىق ۋە كومىتېتلاردىكى ئالاقىدار خادىملار 17-ماي گوۋۇيۈەن يېقىندا تارقاتقان «نۆۋەتتىكى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى پىكىر»گە چۈشەنچە بېرىپ، ئىش ئىزدەش، ئىگىلىك تىكلەشكە ياردەم بېرىش دائىرىسىنىڭ تۆۋەن كاپالەت ئوبيېكتى، نامرات مېيىپلار، ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا بېجىرگەن نامرات ئائىلىلەر ۋە قىيىنچىلىقى ئېغىرلار قاتارلىق تۆت تۈردىكى نۇقتىلىق ئوبيېكتلارغا كېڭەيتىلىدىغانلىقىنى ئېنىق كۆرسەتتى.تۆت تۈردىكى ئوقۇغۇچىلار ئىش ئىزدەش، ئىگىلىك تىكلەش تولۇقلىمىسىدىن بەھرىلىنەلەيدۇ.

  مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، دۆلەتنىڭ سىياسىتىگە ئاساسەن، ئېلىمىز 2013-يىلىدىن باشلاپ شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىلىنىدىغان ئائىلىلەردىكى ئوقۇش پۈتتۈرۈش يىلىدا ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئىستۇدېنتلارغا بىر قېتىملىق ئىش ئىزدەش تولۇقلىمىسى بەرگەن. 2015-يىلى ئىش ئىزدەش تولۇقلىمىسى ئىش ئىزدەش، ئىگىلىك تىكلەش تولۇقلىمىسىغا ئۆزگەرتىلگەن ۋە تولۇقلىما بېرىش ئوبيېكتى دائىرىسى دۆلەت ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلىغا ئېرىشكەن ئوقۇش پۈتتۈرۈش يىلىدا ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئىستۇدېنتلارغا كېڭەيتىلگەن.

  بۇ يىلقى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتى بۇ تولۇقلىمىنى ئىشلىتىش دائىرىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتتى. مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: قىيىنچىلىقى بار ئامما ئارىسىدا، تۆۋەن كاپالەت ئوبيېكتى، نامرات مېيىپلار، ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا بېجىرگەن نامرات ئائىلىلەر ۋە قىيىنچىلىقى ئېغىرلار قاتارلىق تۆت تۈردىكى نۇقتىلىق ئوبيېكتلارنىڭ نامراتلىق دەرىجىسى تېخىمۇ ئېغىر بولغاچقا، ئىش ئىزدەش، ئىگىلىك تىكلەش تولۇقلىمىسى بېرىش دائىرىسى تۆت تۈردىكى نۇقتىلىق ئوبيېكتلارغا كېڭەيتىلىپ، قىيىنچىلىقى ئەڭ ئېغىر كىشىلەرگە توغرىلاندى.

  ئۇنىڭدىن باشقا، گوۋۇيۈەن يېقىندا تارقاتقان ھۆججەت بويىچە، ئىشقا ئورۇنلىشىش پىراكتىكا تولۇقلىمىسى پىراكتىكا قىلدۇرغان ئورۇننىڭ پىراكتىكانتلارغا جىسمانىي كۈتۈلمىگەن زەخىم سۇغۇرتىسى ئېلىشىغا ۋە پىراكتىكانتلارغا يېتەكچىلىك قىلىش، باشقۇرۇش خىراجىتىگە ئىشلىتىلىدۇ.

  مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، مەكتەپتىن ئايرىلىپ بىر يىلنىڭ ئىچىدە ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ئىستۇدېنتلارنى ئىشقا ئورۇنلىشىش پىراكتىكىسى قىلدۇرغان ۋە پىراكتىكانتلارغا پىراكتىكا مەزگىلىدە ئاساسىي تۇرمۇش خىراجىتى بەرگەن ئورۇنلارغا بەلگىلىك ئۆلچەم بويىچە ئىشقا ئورۇنلىشىش پىراكتىكا تولۇقلىمىسى بېرىلىدىكەن. پىراكتىكا خادىملارنى پىراكتىكا مەزگىلى توشۇپ ئېلىپ قېلىش نىسبىتى %50تىن يۇقىرى ئورۇنلارغا بېرىلىدىغان پىراكتىكا تولۇقلىما ئۆلچىمى مۇۋاپىق ئۆستۈرۈلىدىكەن. پىراكتىكا قىلدۇرىدىغان ئورۇنلارنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى يەنىمۇ قوزغاش ئۈچۈن، ئەمەلىي خىزمەت تەلىپىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش پىراكتىكا تولۇقلىمىسى چىقىمى دائىرىسى يەنىمۇ كېڭەيتىلىدىكەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر