باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

قاتتىق ۋە يۇمشاق دېتال سەۋىيەسى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى

ئۈرۈمچىدە خەلقئارا داۋالاش مۇلازىمىتى مەركىزى بەرپا قىلىندى

2017.05.17 16:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 16-ماي، شىنجاڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى ئاخبارات خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئېچىپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى داۋالاش مۇلازىمىتى مەركىزىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.

  ئىگىلەشكە قارىغاندا، «بەش چوڭ مەركەز» بولسا، شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم نۇقتا بولۇپ، داۋالاش مۇلازىمىتى مەركىزى ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىر تۈر ھېسابلىنىدىكەن.

  ئۈرۈمچى شەھىرى ئۆزىنىڭ ئورۇن ئەۋزەللىكى، جۇغراپىيەلىك رايون ئەۋزەللىكى، داۋالاش ئاساسى ۋە سىياسەت پۇرسىتى ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۈرۈمچىنى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى داۋالاش مۇلازىمىتى مەركىزى ئىچىدىكى باشلامچى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا تىرىشماقتا.

  ھازىرغا قەدەر، ئۈرۈمچى رايونىدىكى خەلقئارا داۋالاش مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرغان دوختۇرخانا 30غا، 2016-يىلى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى دوختۇرخانىلار داۋالىغان چەت ئەللىك بىمارلار 8645 گە يېتىپ، چېگرا ھالقىغان يىراق مۇساپىلىك كېڭىشىپ دىياگنوز قويۇپ داۋالاش 123 ئادەم (قېتىم)غا يەتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر