باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدىن ئىككى ئۆسمۈر ماھىر 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنتەربىيە يىغىنى قورشاۋ شاھمات تۈرىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى

2017.05.16 16:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنتەربىيە يىغىنى قورشاۋ شاھمات تۈرى شىنجاڭ رايونى تاللاش مۇسابىقىسى 13- ۋە 14-ماي ئىككى كۈن ئېلىپ بېرىلدى. كەسكىن ئېلىپ بېرىلغان يەتتە ئايلانما مۇسابىقىدىن كېيىن لى زىكاڭ، لى جىڭشۈەن ئىككى ئۆسمۈر شىنجاڭغا ۋەكىل بولۇپ تيەنجىندىكى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى.

  بۇ قېتىمقى تاللاش مۇسابىقىسىنى دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى شاھمات-قارتا تەنھەرىكىتىنى باشقۇرۇش مەركىزى باش بولۇپ ئۇيۇشتۇرغان، شىنجاڭ قورشاۋ شاھمات جەمئىيىتى ئۈسىتىگە ئېلىپ ئۆتكۈزگەن، تەڭرىتاغ تورى، ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى، «يولۋاس» تەسۋىرىچىلىكى، «كېلىشكەن مېھمان» قورشاۋ شاھمىتى ھەمكارلاشقان.

  بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە 164 شاھمات ماھىرى قاتناشقان بولۇپ، ياشلار-ئۆسمۈرلەر كۆپ ساننى ئىگىلەيدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ كىچىك ماھىر يەتتە ياشتا، ئەڭ چوڭ ماھىر 65 ياشتا، مۇسابىقىدە ئەرلەر گۇرۇپپىسىدا بىرىنچى بولغان ماھىر لى زىكاڭ ۋە ئاياللار گۇرۇپپىسىدا بىرىنچى بولغان ماھىر لى جىڭشۈەن ئىككىلىسى تېخى ئەمدى 12 ياشتا.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر