باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شۆھرەت زاكىر: شىنجاڭغا كېلىپ ساياھەت قىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نىڭ ھاياتىي كۈچىنى ھېس قىلىڭلار

2017.05.16 14:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى(مەلىكەم تەرجىمىسى): شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر خەلق تورىنىڭ قويۇپ تارقىتىش ئۆيىدە (خەلق تورى مۇخبىرى خەن شۇشيەن فوتوسى)

  11- ماي چۈشتىن بۇرۇن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر خەلق تورىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، «شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى قانداق قىلىپ ياخشى ئىشلەش»گە مۇناسىۋەتلىك تېمىلار ئۈستىدىن تورداشلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرغاندا، مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «شىنجاڭنىڭ ساياھەت بايلىقى شىنجاڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشتىكى بىر مۇھىم ئامىلغا ئايلىنىدۇ. شىنجاڭ ھازىر قىممەتلىك ساياھەت بايلىقىنى «بىر بەلباغ، بىر يول» ئۇقۇمى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، كىشىلەرگە شىنجاڭ ئارقىلىق جۇڭگونىڭ بىپايان ۋە ئۇلۇغلۇقىنى، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ باي ھەم مەزمۇنلۇق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرىمىز، ھەمدە شىنجاڭ ئارقىلىق، ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا ۋە جەنۇبىي ئاسىيا، ھەتتا ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىغا قەدەم ئېلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نىڭ ھاياتى كۈچىنى ھېس قىلدۇرىمىز.

  شۆھرەت زاكىر تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ تىلغا ئېلىنسىلا، كۆپچىلىككە ئايانكى، ئۇ يەر ۋەتىنىمىزنىڭ ئەڭ كەڭ بىر گۆھەر زېمىنىدۇر. شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى، ئېقىنلىرى، مۇز تاغلىرى، ئوتلاقلىرى، يايلاقلىرى، قۇملۇق، باياۋان ۋە بوستانلىقلىرى دېگەندەك ھەر خىل ئېكولوگىيە بايلىقلىرى بار، ساياھەت بايلىقى ئىنتايىن مول؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە، شىنجاڭ ئاسىيانىڭ جۇغراپىيەلىك مەركىزىگە جايلاشقان، شەرق بىلەن غەرب مەدەنىيىتىنىڭ كېسىشكەن جايى. ئۇ جايدا تارىختا كۆپ خىل ئۆزگىچە مەدەنىيەت بايلىقلىرى شەكىللەنگەن بولۇپ، بۇمۇ ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىشتىكى ئامىل ھېسابلىنىدۇ. ئۇندىن باشقا، ئېلىمىزدىكى 56 مىللەتنىڭ ھەممىسىنىڭ دېگۈدەك نوپۇسى شىنجاڭدا تارقالغان، ھەر بىر مىللەت ئۆزىگە خاس بولغان تۇرمۇش ئۆرپ-ئادىتى ۋە ئۆزگىچە مەدەنىيەتكە ئىگە.

  شۆھرەت زاكىر يەنە مۇنداق دېدى: ساياھەتچىلىك شىنجاڭنىڭ مەملىكەت ۋە دۇنيادىكى ساياھەتچىلەرنى ئەڭ جەلپ قىلىدىغان بىر ئۇقۇم ھېسابلىنىدۇ. شىنجاڭ ساياھەتچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇش جەھەتتە، ئېكولوگىيەنى قوغداش، ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈش ۋە مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىقلارغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ كەلمەكتە، شۇ ئارقىلىق ھەر خىل كىشىلەرنىڭ ساياھەت ئېھتىياجىنى تولۇق قاندۇرۇپ كەلمەكتە. باش شۇجى شى جىنپىڭ بەش چوڭ تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويغان، يېشىل تەرەققىيات شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى، بۇ، بىزنىڭ شىنجاڭغا نىسبەتەن بەك مۇھىم. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بۇ تەلىپى بويىچە، بىر يېشىل شىنجاڭ ۋە مۇھىت ئاسىرالغان شىنجاڭنى قۇرۇپ، ئاسمىنى كۆك، سۈيى سۈزۈك، يېرى يېشىل ۋە گۈزەل شىنجاڭ بىلەن پۈتۈن مەملىكەتتىكى ساياھەتچىلەرنى ۋە يەر شارىدىكى ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالىمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر