خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 14-ماي، «پوچتا يولى، يىپەك يولى، گۈللىنىش يولى، يېڭى يىپەك يولىدا مېڭىپ، 19-قۇرۇلتاينى كۈتۈۋالايلى» 2017-يىللىق مەملىكەتلىك پوچتا ماركىسى توپلاش سەييارە كۆرگەزمىسى ۋە «‹بىر بەلباغ، بىر يول› خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى» خاتىرە پوچتا ماركىسىنى تارقىتىش مۇراسىمى تۇنجى بولۇپ بېيجىڭ، فۇجيەن، شىنجاڭ ئۈچ جايدا بىرلا ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈلدى.
«بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى، شۇ كۈنى جۇڭگو پوچتىسى «‹بىر بەلباغ، بىر يول› خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى» خاتىرە پوچتا ماركىسىنى تارقاتتى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى تيەنۋېن، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مۇتەللىپ قاسىم خاتىرە پوچتا ماركىسىنى تۇنجى تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ۋە «‹بىر بەلباغ، بىر يول› خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى» خاتىرە پوچتا ماركىسىنىڭ يوپۇقىنى ئاچتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى