خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 14-ماي چۈشتىن كېيىن، جۇڭگو پۇتبول ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ 9-ئايلانما مۇسابىقىسىدە، شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا شىجياجۇاڭ يوڭچاڭ كوماندىسىنى كۈتۈۋالدى، ئىككى تەرەپ ئاخىرىدا 2:2 نەتىجە بىلەن تەڭلىشىپ قالدى.
شىجياجۇاڭ يوڭچاڭ كوماندىسى جۇڭگو پۇتبول دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىن چىققان كوماندا بولۇپ، بۇ ئايلانما مۇسابىقە ئېلىپ بېرىلىشتىن بۇرۇن، ئۈچ مەيدان يېڭىپ، ئۈچ مەيدان تەڭلىشىپ، ئىككى مەيدان ئۇتتۇرۇپ، 12 نومۇر بىلەن بىرلەشمە مۇسابىقىدە 9-ئورۇندا تۇردى. شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى كوماندىسى بولسا، جەمئىي ئالتە توپ كىرگۈزۈپ، ئۈچ مەيدان ئۇتۇش، ئىككى مەيدان تەڭلىشىش، تۆت مەيدان ئۇتتۇرۇش بىلەن بىرلەشمە مۇسابىقىدە ۋاقتىنچە 10-ئورۇنغا تىزىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى