باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئاسىيا ئۇل ئەسلىھەگە مەبلەغ سېلىش بانكىسىنىڭ ئەزاسى 77 گە كۆپەيدى

2017.05.15 15:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاسىيا ئۇل ئەسلىھەگە مەبلەغ سېلىش بانكىسى 13 ماي بېيجىڭدا مۇدىرىيەت كېڭىشىنىڭ يېڭىدىن ئەزا بولۇش ئارزۇسى بار يەتتە ئەزانى تەستىقلاپ، ئەزا ئومۇمىي سانىنى 77 گە يەتكۈزدى.

  ئاسىيا ئۇل ئەسلىھەگە مەبلەغ سېلىش بانكىسىنىڭ باشلىقى جىن لىچۈن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم يېڭىدىن كۆپەيگەن يەتتە ئەزا بەھرەيىن، سىپرۇس، سامۇئادىن ئىبارەت تەۋەلىكتىكى ئۈچ ئەزا ۋە بولىۋىيە، چىلى، گېرىتسىيە، رۇمىنىيە قاتارلىق تەۋەلىك سىرتىدىكى ئەزالارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  ئەزا بولۇش ئارزۇسى بار يەتتە ئەزا تەستىقلانغاندىن كېيىن، يەنە دۆلەت ئىچىدە قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپتىن ئۆتكۈزۈپ ھەم تۇنجى كاپتالنى بانكىغا ئامانەتكە قويسىلا، رەسىمىي ئەزاغا ئايلىنىدۇ.

  بۇ يىل 3 – ئايدا ئاسىيا ئۇل ئەسلىھەگە مەبلەغ سېلىش بانكىسى بۇلتۇر 1- ئايدا رەسىمىي تىجارەت باشلىغاندىن بۇيان تۇنجى بولۇپ 13 يېڭى ئەزانى قوبۇل قىلىپ، ئەزا ئومۇمىي سانىنىڭ 57 دىن 70 كە كۆپەيگەنلىكىنى جاكارلىدى. ھازىر 13 ئەزا ئالاقىدار رەسىمىيەتلەرنى پۈتكۈزۈۋاتىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر