باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن كۆرۈشتى

2017.05.15 16:09         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 14-ماي دياۋيۈتەي دۆلەت مېھمانخانىسىدا جۇڭگوغا «بىر بەلباغ بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىگە قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇ يىل جۇڭگو بىلەن رۇسىيە دوستلۇق، تىنچلىق ۋە تەرەققىيات كومىتېتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقى ۋە رۇسىيە جۇڭگو دوستلۇق كېڭىشى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى، ئىككى تەرەپ مول مەزمۇنلۇق پائالىيەت ئۆتكۈزۈش پىلانىنى تۈزۈپ ۋە پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ چۈشىنىشى، دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ ئىجتىمائىي ۋە ئەلرايى ئاساسىنى مۇستەھكەملىدى. جۇڭگو بىلەن رۇسىيە مۇرەككەپ ئۆزگىرىشچان خەلقئارا ۋەزىيەتتە چوڭ دۆلەتلىك مەسئۇلىيىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئالاقىدار قىزىق نۇقتىلىق مەسىلىلەرنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچ چىقىرىپ، رايون ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى،مۇقىملىقىنى قوغداشتا مۇھىم رول ئوينىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو رۇسىيە مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تاللىشى، مەيلى خەلقئارا ۋەزىيەت قانداق ئۆزگىرىشتىن قەتئىينەزەر، بىز ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ياخشى تەرەققىي قىلدۇرىمىز، ياخشى قوغدايمىز. ئىككى تەرەپ ئىقتىساد سودا، ئېنېرگىيە قاتارلىق ئەنئەنىۋى ساھەدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، نۇقتىلىق تۈرلەرنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى؛ شۇنىڭ بىلەن تەڭ پەن تېخنىكا يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىنىڭ سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك. بىز ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ سىجىل مۇقىم ئېشىشىنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقئارا ۋە رايون قىزىق نۇقتىلىق مەسىلىلىرىنى تىنچ ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، دۇنيانى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا تېخىمۇ كۆپ ئىجابىي كۈچ قوشۇشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: 2015-يىلى 5-ئايدا، جۇڭگو بىلەن رۇسىيە بىر بەلباغ، بىر يول قۇرۇلۇشى بىلەن ياۋروپا-ئاسىيا ئىقتىسادى ئىتتىپاقىنى ئۇلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك ئورتاق تونۇشىنى ھاسىل قىلىپ، ئىتتىپاقنىڭ باشقا ئەزالىرىنىڭ ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇشى ۋە قوللىشىغا ئېرىشتى. ئىككى يىلدىن بۇيان، ئۇلاشتۇرۇش ھەمكارلىقى مۇقىم ئىلگىرىلىدى. كېيىنكى باسقۇچتا، جۇڭگو رۇسىيە بىلەن ئۇلاشتۇرۇش ھەمكارلىقىدا داۋاملىق ئەمەلىي نەتىجە ھاسىل قىلىشقا بىرلىكتە تۈرتكە بولۇشنى، ياۋروپا-ئاسىيا ئىقتىسادى ئىتتىپاقىنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۇلاشتۇرۇش تۈرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو بىلەن رۇسىيە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىياتى ھەمدە بىر بەلباغ، بىر يول قۇرۇلۇشى بىلەن ياۋروپا-ئاسىيا ئىقتىسادى ئىتتىپاقىنى ئۇلاشتۇرۇشقا بىرلىكتە ياخشى شارائىت يارىتىشى كېرەك.

  پۇتىن ئالدى بىلەن بىر بەلباغ، بىر يول خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى، جۇڭگونىڭ نۆۋەتتىكى خەلقئارا ۋەزىيەتتە بىر بەلباغ، بىر يول تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى ھەمدە بۇ قېتىمقى مۇنبەرنى ئىنتايىن ۋاقتىدا ئۆتكۈزگەنلىكىنى ماختىدى ھەمدە بۇ ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادى ئالماشتۇرۇشى ۋە ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق، دېدى. پۇتىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رۇسىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتى يۇقىرى سەۋىيەدە تەرەققىي قىلماقتا، ئىككى دۆلەتنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەرنىڭ ئالاقىسى كۆپەيمەكتە، ھۆكۈمەت تارماقلىرى ھەمدە قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئالماشتۇرۇشى قويۇقلاشماقتا، ئىككى تەرەپلىك سودا تېز ئاشماقتا، قۇرۇلمىسى ياخشىلانماقتا. رۇسىيە جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە، ياۋروپا-ئاسىيا ئىقتىسادى ئىتتىپاقى بىلەن يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى ياخشى ئۇلاشتۇرۇپ، ئالاقىدار ھەمكارلىق تۈرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ سودا، ئېنېرگىيە، ياسىمىچىلىق، مائارىپ، يەرلىكلەر، ساياھەت، تەنتەربىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك. رۇسىيە بىلەن جۇڭگونىڭ زور خەلقئارا مەسىلىلەردە پائال ئالاقە قىلىپ ماسلىشىشى، بىربىرىنى قوللىشى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ مۇقىم بولۇشىدىكى مۇھىم ئامىل.

  ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى يەنە چاۋشيەن يېرىم ئارىلى ۋەزىيىتى قاتارلىق ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرى ھەققىدە كۆز قاراشلىرىنى ئالماشتۇردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر