باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىز مەملىكەت دائىرىسىدىن 22 مىڭ 972 ئوقۇتقۇچىنى ئاشكارا قوبۇل قىلىدۇ

2017.05.16 16:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2017-يىلى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 22 مىڭ 972 مىڭ ئوقۇتقۇچىنى جەمئىيەتكە يۈزلىنىپ ئاشكارا تەكلىپ قىلىشنى پىلانلىدى، بۇنىڭ ئىچىدە، يەسلى ئالاھىدە ئىشتات ئوقۇتقۇچىلىقىغا 9291 نەپەر، باشلانغۇچ مەكتەپ ئالاھىدە ئىشتات ئوقۇتقۇچىلىقىغا 7705 نەپەر، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئالاھىدە ئىشتات ئوقۇتقۇچىلىقىغا 2186 نەپەر، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئالاھىدە ئىشتات ئوقۇتقۇچىلىقىغا 3790 نەپەر ئادەم قوبۇل قىلىدۇ.مۇخبىرنىڭ 15-ماي چۈشتىن بۇرۇن ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق 2017-يىللىق ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرىنى جەمئىيەتكە يۈزلىنىپ ئاشكارا تەكلىپ قىلىش ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، تەكلىپ قىلىش پىلانى ئىچىدە، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تۆت ۋىلايەت، ئوبلاستنىڭ قوبۇل قىلىش پىلانى ئومۇمىي پىلاننىڭ %65تىنى، يېزا-بازاردىن تۆۋەن مەكتەپلەرگە تەكلىپ قىلىش پىلانى ئومۇمىي پىلاننىڭ %70ى ئىگىلەيدىكەن.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى خۇ جۈنخەي مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بۇ يىلقى ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى ئاساسلىقى توردا تىزىملىتىش، سالاھىيەت تەكشۈرۈش، يازمىچە ئىمتىھان، يۈزتۇرانە ئىمتىھان، سالامەتلىك تەكشۈرۈتۈش، سىياسىي جەھەتتىن تەكشۈرۈش، تەڭشەش، ئاشكارا ئېلان قىلىش، ئىش ئورنىغا چىقىشتىن بۇرۇنقى تەربىيەلەش ۋە تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتىش رەسمىيىتىنى بېجىرىش قاتارلىق 11 ھالقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ توردا تىزىملىتىش ۋاقتى 5-ئاينىڭ 15-كۈنى 16:00دىن (بېيجىڭ ۋاقتى) 5-ئاينىڭ 21-كۈنى 18:00گىچە (بېيجىڭ ۋاقتى)؛ سالاھىيەت تەكشۈرۈش ۋاقتى 5-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 26-كۈنىگىچە، يازمىچە ئىمتىھان ۋاقتى 6-ئاينىڭ 18-كۈنى بولۇپ، ئىمتىھان نومۇرى 7-ئاينىڭ 4-كۈنى ئېلان قىلىنىدۇ. يۈز تۇرانە ئىمتىھان، سالامەتلىك تەكشۈرۈتۈش، سىياسىي جەھەتتىن تەكشۈرۈش، تەربىيەلەش ۋاقتىنى بېكىتىش، تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتىشنى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر ئۆز ئالدىغا بېكىتىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر