باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەددە قۇرت سىياقىدا تەھدىت سېلىپ پۇل ئۈندۈرىۋالغۇچى يۇمشاق دېتالنىڭ تارقىلىش سۈرئىتى كۆرۈنەرلىك ئاستىلاندى

ئىچكى تورلارمۇ بىخەتەرلىك يامىقى دېتالىنى قاچىلاپ يېڭىلاپ تۇرۇشى كېرەك

2017.05.16 15:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12- مايدىن باشلاپ، تەھدىت سېلىپ پۇل ئۈندۈرىۋالغۇچى بىر خىل يۇمشاق دېتال پۈتكۈل يەر شارى مىقياسىدا خېلى كەڭ دائىرىدە تارقالغان بولۇپ، بۇ ۋىرۇس دېتالى دوختۇرخانا، مائارىپ ئورۇنلىرى، ئېنېرگىيە مەنبەسى، خەۋەرلىشىش، ياسىمىچىلىق دېگەندەك كۆپلىگەن ساھەلەرنىڭ كومپيۇتېرىغا يۇققان. ئېلىمىزنىڭ بەزى ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ كومپيۇتېرىغىمۇ يۇقۇپ، بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتكەن. بۈگۈن، مۇخبىر «مەددە قۇرت» سىياقىدىكى بۇ خىل تەھدىت سېلىپ پۇل ئۈندۈرىۋالغۇچى يۇمشاق دېتالنىڭ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى توغرىلىق، مەركىزىي ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسىنىڭ تور بىخەتەرلىكىنى ماسلاشتۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلىنى زىيارەت قىلدى.

  بۇ مەسئۇل خادىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ خىل ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، جامائەت خەۋپسىزلىكى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش، مائارىپ، بانكا ۋە ئالاقە تورى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار دەرھال ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىپ، ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىگە قارىتا تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان. چىخۇ 360، تېڭشۈن، ئەن تيەن، جىنشەن بىخەتەر، ئەنخىڭ ۋە يۈەنۋاڭ قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك كارخانىلار تېزدىن تەتقىق قىلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن بىخەتەرلىك مۇلازىمىتى ۋە ئالدىنى ئېلىش قورالى بىلەن تەمىنلىگەن. نۆۋەتتە، تەھدىت سېلىپ پۇل ئۈندۈرىۋالغۇچى بۇ يۇمشاق دېتال يەنىلا تارقىلىپ يۈرمەكتە، ئەمما تارقىلىش سۈرئىتى كۆرۈنەرلىك ئاستىلىغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر