باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى تاشقورغاننىڭ يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىشلىرىغا 500 مىڭ يۈەن پارتىيە ئەزالىق بەدەل پۇلى ئاجراتتى

2017.05.16 16:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى قوللاش، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان رايونلارغا بولغان كۆڭۈل بۆلۈشىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىگە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومغا ۋاكالىتەن باشقۇرغان پارتىيە ئەزالىق بەدەل پۇلىدىن 500 مىڭ يۈەن ئاجراتتى، بۇ پۇل ناھىيەنىڭ ئاپەت رايونىدىكى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ تۇرمۇش قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىش ۋە زىيانغا ئۇچرىغان ئاساسىي قاتلام پارتىيە ئەزالىرىنى تەربىيەلەش ئەسلىھەلىرىنى رېمونت قىلىشقا ئىشلىتىلىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى ئاپەت رايونىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرىدىن ئىستىھكامنى قوغداش جەڭگىۋار رولى ۋە ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى نۆۋەتتىكى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە دەپ بىلىپ، سەپنىڭ ئەڭ ئالدىدا تۇرۇپ، بىرىنچى سەپتە كۈرەش قىلىپ، ئاپەت رايونىدىكى خەلقنىڭ ھاياتى، مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى ھەقىقىي قوغداپ، ئاممىنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈشىگە بىرلىكتە تىرىشىپ ياردەم بېرىپ، ئاپەت رايونىدىكى خەلقنىڭ يۆلەنچۈكى ۋە غەمگۈزارى بولۇپ، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش كۈرىشىنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشنى كۈچلۈك تەشكىلىي كاپالەتكە ئىگە قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر