خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 14-ماي چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا، ئېلىمىزدە «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىغا قاتنىشىۋاتقان خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ باش لىدىرى لاگارد بىلەن كۆرۈشتى.لى كېچياڭ خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشىگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ۋە قوللاپ كېلىۋاتقانلىقىغا يۇقىرى باھا بېرىپ، خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى قاتارلىق ھەر قايسى تەرەپلەر بىلەن سىياسىي ئالاقە ۋە ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
لى كېچياڭ ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشى، سودا ۋە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنىڭ ئەركىنلىشىشى، قولايلىشىشى كۆپ تەرەپلىمە ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيا ئىقتىسادىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتتى، دېدى.
لى كېچياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو ھۆكۈمىتى داۋاملىق تۈردە مۇقىم بولغان پۇل سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، پۇل مۇئامىلە خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تېزگىنلەشنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، پۇل مۇئامىلە مۇقىملىقىنى ساقلاپ، پىشاڭنى پەيدىنپەي مۇقىملاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى ئوتتۇرىسىدىكى تەڭپۇڭلۇقنى ساقلىدى. جۇڭگونىڭ پۇل مۇئامىلە بازىرىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش، رايون خاراكتېرلىك، سىستېما خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلە خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە خەۋپ-خەتەر يۈز بېرىشتىكى ئەڭ تۆۋەن چەكنى كونترول قىلىشتا ئىشەنچىمىز بار. جۇڭگو بازار تەمىناتى ۋە تەلىپىنى ئاساس قىلىپ، باشقۇرۇلىدىغان لەيلىمە پېرېۋوت نىسبىتى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلق پۇلى پېرېۋوتىنىڭ مۇۋاپىق، تەڭپۇڭ سەۋىيەدە ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشىنى ساقلايدۇ.
لاگارد مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش ۋەزىيىتى كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدۇ. بۇ، خەلقئارا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە كۆپ تەرەپلىك سودا سىستېمىسى ئۈچۈن كۈچلۈك مەدەت ھېسابلىنىدۇ. خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى جۇڭگونىڭ پۇل مۇئامىلە سىستېمىسى ئاساسىنىڭ پۇختا، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشى ئۈنۈملۈك، مۇۋاپىق ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇش بولدۇق، جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى داۋاملىق كۈچەيتىشنى خالايمىز.
دۆلەت كومىسسارى ياڭ جىڭ كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى